تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

24-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا قانات يايدۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، 24-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. بۇ يىللىق باش تېما «پۇتۇڭخۇا بىلەن 100 يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى سۆزلەيلى قېلىپلاشتۇرۇلغان خەت بىلەن دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى».

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36-ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار شېئىر-نەزمە، ناخشا بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ شىچۈ تىياتىرى، خەتتاتلىق قاتارلىقلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلىدى. «بىز پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلەپ، كۈندىلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇشىمىزدا قېلىپلاشتۇرۇلغان خەتنى ياخشى يېزىپ، ياخشى ئىشلىتىپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرغۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى مەكتەپ جىڭجۈ تىياتىرى كۇرۇژۇكىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شاكۇرە ئابدۇرۇسۇل. شۇ كۈنى، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە جىڭجۈ تىياتىرى «مۇ گۇييىڭنىڭ قوماندانلىق قىلىشى»نى ئورۇنلاپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

قەشقەر داشۆ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا «پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش، قېلىپلاشتۇرۇلغان خەت يېزىش» تەشەببۇسنامىسى چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان خەت يېزىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلدى.

بۇ يىللىق پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «ئۈچ خىل يېزىش قورالىدا خەت يېزىش، پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش» مۇسابىقىسى، «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەپ» بىرلىكتە پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش، پۇتۇڭخۇا تەقلىدىي سىنىقى ۋە ئاۋازلىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تور ۋە تور سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ۋە ئاممىنى قاتنىشىشقا ۋە تىل- يېزىقنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىپ، تەشۋىقاتنىڭ توپلىنىش ئېففېكتىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى»نى ئۆگىنىپ، دۆلەتنىڭ تىل-يېزىق سىياسىتىنى ئىگىلەشكە تەشكىللەپ، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە، مۇنازىرە، دىراما، ئېتۇت قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى پۇتۇڭخۇانى ئۆلچەملىك ئىشلىتىشكە تەربىيەلەيدۇ، يېتەكلەيدۇ.

ئاپتونوم رايون مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەم ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تىل-يېزىق كۈندىلىك خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، يېزىش، سۆزلەش پائالىيىتى، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش يېزا - كەنت سەپىرى قاتارلىقلارنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.