تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

«زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى»

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى شوخلىدىن مول ھوسۇل ئالدى. بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 240 مىڭ مو بولۇپ، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. □ سۈرەتنى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاسمان سۈپسۈزۈك ئىدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 - شىسى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىغا كىرگەندە، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئېتىزلاردا، كۆز يەتكۈسىز كېۋەزلىكلەردە كېۋەزلەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى.

كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان شىنجاڭ جۇڭغار يىنفېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش - رېمونت قىلىش لاپىسىدا، ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ماشىنىلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئىشچىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىۋاتاتتى.

«ئاي ئاخىرىدا پاختا يىغىش مەزگىلى يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ چاغدا بۇ ماشىنىلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەيدان باشلىقى جاڭ جىنچېڭ.

2014 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يامغۇرغا قارىماي كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش جەھەتتىكى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بۇ شىركەتتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بىڭتۇەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى%93كە يەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى %100كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇردى.

بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى ساپالىق بىڭتۇەن قوشۇنى بەرپا قىلىش... باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ھەر ۋاقىت رىغبەتلەندۈرمەكتە.

«بىز باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتۇق، بولۇپمۇ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى، بىز پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، دەل جايىدا تېرىش، ئىنچىكە پىششىقلاشنى %100 ئىشقا ئاشۇردۇق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى» دېدى جاڭ جىنچېڭ.

ئىسلاھاتنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشى ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولماقتا. «ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بازار سىياسىتى قويۇۋېتىلدى، شىركەتنىڭ ماشىنىدا پاختا يىغىش كەسپى ھەرقايسى شى، تۇەنلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى، مەشغۇلات مەزگىلى 20 كۈندىن ئىككى ئايغا كۆپەيدى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم قويدى.» شىنجاڭ جۇڭغار يىنفېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ شۇۋېي مۇنداق دېدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىركىتىمىز يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پاختا يىغىش مۇلازىمىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىگەندىن سىرت، ماشىنىلارنى ئىجارىگە بېرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش، ماشىنىلارنى رېمونت قىلىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى كېڭەيتتى ھەم ھالقىلارغا بۆلۈپ پۈتۈن زەنجىرلىك تېخنىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتى.

1 - كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇش، 2 - كەسىپنى خاسلاشتۇرۇش، 3 - كەسىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇلدى، بۈگۈنكى كۈندە، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى، دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونىغا ئايلاندى. يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك كۆپلەپ بارلىققا كەلدى، دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ، ئۈزۈم ئۈزۈش باغچىسى، شادىمان دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق تۈرلەر تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.

جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى بارغانسېرى كۆپ ياشلارنى جەلپ قىلماقتا. «بۇ يىل 400دىن ئارتۇق ياش ئەينى يىللاردىكى ماڭا ئوخشاش بۇ يەرگە كېلىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.» ۋېن چېنشيا ئىلگىرى غەربىي رايون پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2014 - يىلى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانىدى، ھازىر ئۇ كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا يىلتىز تارتتى.

«مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى.

«بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك كۈچىنى بېغىشلىشىمىز كېرەك» دېدى ۋېن چېنشيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.