تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«قېرىنداشلار» قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالدى، مەززىلىك تائاملار دىكتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەۋلانجان تۇرسۇن تۇرپاندا ئەڭ يېڭى سىن ئىشلىدى، سۇڭ كەي يېنىدا تۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش ۋە چارە - تەدبىر كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولدى.

27 ياشلىق مەۋلانجان قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ھازىر، ئۇ ئوپېراتور سۇڭ كەي بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىلىرىنى مەخسۇس سىنغا ئېلىپ ھەمبەھرىلەيدۇ. نۆۋەتتە، مەۋلانجاننىڭ پۈتۈن توردىكى مەستانىلىرى 700 مىڭدىن ئاشتى. بۇنىڭغا قارىتا، مەۋلانجان دائىم مۇنداق دەيدۇ: بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ ئەڭ خۇرسەن بولىدىغىنىم سۇڭ كەيدەك بۇ ياخشى قېرىندىشىمنىڭ بولغانلىقى.

مەۋلانجان بىلەن سۇڭ كەي ئوخشاشلا «90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» بولۇپ، ئۇلار سۈرەتكە تارتىش ۋە مەززىلىك تائاملارنى ياخشى كۆرەتتى. تۆت يىل ئىلگىرى، بىر قېتىملىق يىغىلىشتا سۇڭ كەي مەۋلانجان بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئىككىيلەن بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالدى، سۇڭ كەي ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەۋلانجاننىڭ شىركىتىگە كەلدى.

ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىككىيلەن ئەسەر باش تېمىسىنى بېكىتىش توغرىسىدا ناھايىتى ئۇزاق مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىرى ھەم شىنجاڭنىڭ خاسلىقىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان، ھەم كەڭ تارقىتىش كۈچىگە ئىگە «مەززىلىك تائام»دىن ئىش باشلاشنى تاللىدى. «بىزنىڭ بىر ئورتاق غايىمىز ۋە نىشانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ كامېرا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى تارقىتىش. بەزى ھېكايىلەرنى سىنغا ئېلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەم مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى خاتىرىلىدۇق ۋە قازدۇق.» مەۋلانجاننىڭ قارىشىچە، مەززىلىك تائاملار ئارقىلىق بىر - بىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلىشمۇ بىر خىل سىڭىشىش ئىكەن.

سۇڭ كەي مەۋلانجاندىن بىر ياش چوڭ بولۇپ، مىجەزى تېخىمۇ ئېغىر - بېسىق كۆرۈنەتتى، ئۇ ھەمىشە بەزى ئىنچىكە ھالقىلارنى تېز تۇتۇۋېلىپ، ئاندىن مەۋلانجان بىلەن پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكتە رازى بولغۇدەك ئەسەرلەرنى سۈرەتكە تارتىدۇ.

«مېنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمدە، سۇڭ كەينىڭ تۆھپىسى كۆپرەك، ئۇ خىزمەت جەريانىدا ناھايىتى كۆپ باش قاتۇرىدۇ، مەسىلەن، تەسەۋۋۇر قىلىش، سېنارىيە يېزىش، كىرىشتۈرۈش قاتارلىقلار. سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن دائىم يېرىم كېچىگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسىمۇ، قىلچە ئاغرىنمىدى.» مەۋلانجاننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، خىزمەت جەريانىدا ئۇلار ناھايىتى ياخشى ماسلىشىدىغان بولۇپ، بىر كۆز ئىشارىسى، بىر ھەرىكەت ئارقىلىقلا، بىر - بىرىنىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلەلەيدىكەن.

«مەۋلانجاننىڭ قىزغىنلىقى ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ناھايىتى ئاسانلا تەسىر قىلىدۇ، مېنىڭ بۇنىڭغا بولغان تەسىراتىم ناھايىتى چوڭقۇر.» سۇڭ كەينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى قۇرۇت يېيىشنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۇنىڭغا قۇرۇتتىن ئىبارەت بۇ مەززىلىك يېمەكلىكنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەۋلانجان ئۇنىڭ ئالدىدا يېگەچ، قۇرۇت ياساش ھۈنەر - سەنئىتىنى سۆزلەپ، ئۇنىڭدىكى شېرىن تەمنى تەسۋىرلەپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئۈنۈمىنى تونۇشتۇرغان. مەۋلانجاننىڭ ناھايىتى مەززە قىلىپ يېگەنلىكىنى كۆرۈپ، سۇڭ كەي ئاخىر چىداپ تۇرالماي، ئاستا چايناپ بېقىپ، تەدرىجىي قۇرۇتنى ياقتۇرۇپ قالغان.

ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش داۋامىدا، مەۋلانجان بىلەن سۇڭ كەي قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتتى. بەزىدە ئۇلار بىللە ھەمراھ بولۇشۇپ ئىچكىرى رايونلاردىكى باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ سۈرەتكە تارتاتتى، بىللە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يەيتتى، خوگو يەيتتى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا سەيلە قىلاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان چوڭقۇر ھېسسىيات شەكىللەندى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەززىلىك تائاملارنى ئىزدەش، مەززىلىك تائاملارنى سۈرەتكە ئېلىش مەۋلانجان بىلەن سۇڭ كەينىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى، ئۇلار بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق مېھرىنى تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.