تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ھەرىكىتى بىلەن پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى پۈتتى

مەمەتروزى سەپەر:

​ھەرىكىتى بىلەن پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى پۈتتى

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

ئۇ ئىلگىرى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ، ھەتتا يۇقىرى باھا قويۇپ ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالماقچى بولۇشقان.

«نېمىدىن قورقاتتىم؟ مېنىڭ كەينىمدە قۇدرەتلىك ۋەتىنىم بار، يېنىمدا ھەققانىيەتچى خەلق تۇرۇپتۇ، ئاشۇ چۈپرەندىلەر ھامان ھەققانىيەت تەرىپىدىن يانچىپ تاشلىنىدۇ.» «قورقۇش-قورقماسلىق» مەسىلىسى ئالدىدا، مەمەتروزى سەپەرنىڭ تەلەپپۇزى ناھايىتى قەتئىي ئىدى.

ئىرادىنى تاۋلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئۆتكۈر شەمشەر بولۇش

مەمەتروزى سەپەر شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدە جان پىدالىق بىلەن 56 يىل خىزمەت قىلدى. زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنى غال-غال تىترەتكەن بۇ ئۆتكۈر شەمشەر قەتئىي ئېتىقادى بىلەن ئىرادىسىنى تاۋلاپ چىققان.

مەمەتروزى سەپەر 1939-يىلى چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1956-يىلى، ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا كىرگەن، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

«مەن دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرى تۈپتىن ئۆزگەردى، بىز بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق.» مەمەتروزى سەپەر مۇنداق دېدى: مەن كونا جەمئىيەتنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن بولغاچقا، مەندە پارتىيەگە بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتى، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تولۇپ تاشقان.

مەمەتروزى سەپەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن، ئىلى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان، 1982-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىگە يۆتكىلىپ، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، جىنايى ئىشلار پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك رازۋېدكىچى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر (نازىر دەرىجىلىك) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1990-يىلى شەرەپ بىلەن شەخسىي 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، 1992-يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دېگەن نام بېرىلگەن.

سانسىز قېتىم ھايات-ماماتلىق سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈش

1992-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر قېتىملىق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى پارتلىتىش دېلوسى يۈزبەرگەن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تېزلىكتە سەر خىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

ھېچقانداق يىپ ئۇچى بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ قېتىمقى دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك تەس ئىدى. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى بويىچە، مەمەتروزى سەپەر يىپ ئۇچى تېپىش ئۈچۈن تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ توققۇز ناھىيە، شەھىرىدە ئايلىنىپ جەڭ قىلىپ، ئۇدا 55 كۈن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان، ئومۇمەن قېچىپ يۈرگەن ئادەملەر بىلەن ئالاقىدار بولغانلىكى يىپ ئۇچىنىڭ ھەممىسىنى جەملەپ چىقىپ، ئۇلاردىن ئىچكى باغلىنىشنى ئىزدىگەن ھەم كېچىلەپ سوراق قىلغان.

پۈتكۈل دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش داۋامىدا، مەمەتروزى سەپەر ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. دېلونى خۇلاسىلەپ تەقدىرلىگەندە، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى: يولداش مەمەتروزى سەپەر بۇ قېتىم دېلو پاش قىلىش داۋامىدا پەم - پاراسەتلىك، كەسكىن بولۇپ، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ، دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلدى، رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، قەدەممۇقەدەم ئىچكىرىلەپ كىرىپ، كۆپ قېتىم قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈن دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

خىزمەتداشلىرىنىڭ مەمەتروزى سەپەرگە بەرگەن باھاسى: 56 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا، ئۇ ئىزچىل تۈردە ئۇرغۇپ تۇرغان جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ساقلاپ كەلدى.

مەمەتروزى سەپەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 نەچچە قېتىملىق چوڭ دېلو، مۇھىم دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشقا قاتناشتى، رەھبەرلىك قىلدى، كۆپ قېتىم زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ پارتلىتىش، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جىنايى سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلدى، سانسىز قېتىم قان بىلەن ئوت، ھايات بىلەن ماماتلىق سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش

مەمەتروزى سەپەر خىزمەت داۋامىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەسپىي ماھارەت ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، كۆپ قېتىملىق سوراق داۋامىدا جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئەقىل-پاراسىتى، باتۇرلۇقى بىلەن كۈرەش قىلىپ، بىر يۈرۈش جانلىق، كۆپ خىل، دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىدىغان سوراق قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ماھىر كەسىپ ئىگىسى ۋە دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشتىكى كەسپىي مۇتەخەسسىسكە ئايلىنىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتتى.

ياش ساقچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى خىزمەتتە چېنىقىشتىن ئايرىلالمايدۇ، پېشقەدەم بىر ئەۋلادلارنىڭ «قولمۇقول» سۆزلەپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ تەربىيەلىشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. مەمەتروزى سەپەر پۈتۈن شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم سوراق قىلىش، رازۋېدكا قىلىشقا ماھىر، تېخنىكا بىلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى.

«ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى ياش ساقچىلارغا قىلچە قالدۇرماي ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىدى. ئۇ ھەربىر ياش ساقچىنىڭ جىسمىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى بايقىيالايتتى، يېتەرسىز تەرەپلىرىنىمۇ تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ، ياش ساقچىلارنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەتتى» دېدى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ سابىق خەلق ساقچىسى مويدۇن قاسىم.

مەمەتروزى سەپەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى «كومپيۇتېر» دەيتتى، ئۇ زوراۋان-تېررورچىلار شايكىسىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئىسمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بەش قولدەك بىلەتتى. خىزمەت ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، مەمەتروزى سەپەر پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا توشقاندا، تەشكىل مۇزاكىرە قىلىپ ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

2009-يىلى بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەردى، 70 ياشقا كىرگەن مەمەتروزى سەپەر يەنىلا سوراق قىلىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مول تەجرىبىسى ئارقىلىق خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى سوراق قىلىش، چوڭقۇر قېزىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، دېلونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

تاكى 2012-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە، مەمەتروزى سەپەر ئاندىن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىردى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

مەمەتروزى سەپەر مۇنداق دېدى: «پارتىيە تەشكىلى مېنى تەربىيەلىدى، مەن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ خىسلىتىمنى يوقاتماسلىقنى، ئىش ئورنۇمدىن ئايرىلغان بولساممۇ پارتىيەدىن ئايرىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.