تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئورۇنلاشتۇرغان بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئاپتونوم رايون جەمئىي ئورۇنلاشتۇرغان بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ 103 مىليارد 280 مىليون يۈەن(بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ 92 مىليارد 780 مىليون يۈەن، پايدىلانما بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ 10 مىليارد 500 مىليون يۈەن) بولۇپ، خامچوت بويىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى %100كە يېتىپ، 3470 كارخانىغا، 18 مىليون 54 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈر مەبلىغى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلقى بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ ئىچىدە، 16 مىليارد 850 مىليون يۈەن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، 27 دۆلەت يولى (چاقىلىقتىن نىيەگىچە، نىيەدىن لوپقىچە بولغان يول قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول (باركۆلدىن مورىغىچە، ئۈرۈمچىدىن لوپنۇرغىچە، جىڭدىن ئالاتاۋغىچە)دا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ.

بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ ئىچىدە، ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇكاپات - تولۇقلىما مەبلىغىدىن 11 مىليارد 650 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشىغا مەدەت بېرىلدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ ئىچىدە يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 9 مىليارد 460 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇلىدىغان - ياردەم بېرىلىدىغانلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقى زورايتىلىپ، 1 مىليون 887 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بىۋاسىتە مەبلەغ ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، بىۋاسىتە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈلۈپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارى ئېشىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.