چېن چۈەنگو ئىلى، قارامايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى، قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، چېن چۈەنگو كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرىغا كېلىپ، كەشتىچىلىك كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى، قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئالتۇن كۈزدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ خۇش ھىدى ھەر تەرەپكە تارالغانىدى، قوي-كالىلار سەمرىگەن، ھەممە يەر مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى. چېن چۈەنگو كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرىغا كېلىپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە كۈزلۈك يىغىم ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە تەشۋىش بولمايدۇ. قەتئىي بوشاشماي كۈزلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئېغىر، زور كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ھەم ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاتارلىق جايلاردا، چېن چۈەنگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ساياھەتچىلىكتە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش، مەنزىرە رايونى بىلەن بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن رايون ساياھىتى ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يىرىك پىلان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەنزىرە رايونى بىلەن شەھەرنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇش، ئىقتىدارىنى ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قاتناش ۋە ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. چېن چۈەنگو يەنە ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىنى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
چېن چۈەنگو يەنە قاراماي شەھىرىدىكى شىنجاڭ تيەنلى نېفىت خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىگە بېرىپ، تۈر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ھۈنەر-سەنئەتنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يىرىك پىلاننى ئىلمىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەدىن تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنى ئازايتىش بىلەن كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە خاس مەدەنىيەتنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كېڭەيتىپ، «چوڭ»، «گۈزەل» بولۇش خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئۆزگىچە سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداشتا ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چيۇ شۇخۇا قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.