تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

مول ھوسۇللۇق كۈزدە دېھقانلارنىڭ يانچۇقى تومپايدى

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى 9-ئاي كىشىلەرگە سالقىنلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە مول ھوسۇل خوشاللىقى ئېلىپ كەلدى. يېقىندا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالتۇن كۈزدىكى مول ھوسۇل شادلىقى نامايان بولدى، ھەرقايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھوسۇل يىغىشىغا بەس ـ بەستە ياردەم بەردى، جاپالىق ئەمگىكى ۋە قان ـ تەرى بەدىلىگە كەلگەن نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ چېھرىدە بەخت جىلۋىلەندى.
ساۋەن شەھىرىنىڭ يەنسىخەي بازىرى خېشيى يېڭى كەنتىدىكى 6400 مو لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى ساۋەن شەھەرلىك تارماق بانكىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازىلارنى ۋاقتىدا يىغىپ سېتىشىغا ياردەملەشتى. لەن لىڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، پىدائىيلار ئېتىزدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازا قۇرۇتۇشىغا ياردەملەشمەكتە. لەن لىڭ فوتوسى
كۇچا شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋىلەرنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ سېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەملەشتى. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، پىدائىيلار كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى يېڭىتۇر كەنتىدىكى مېۋىلىك باغدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شاپتۇل ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. نىياز راخمان فوتوسى

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، پىدائىيلار كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى يېڭىتۇر 1-كەنتىدىكى مېۋىلىك باغدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شاپتۇل ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. نىياز راخمان فوتوسى
كۇچا شەھىرىنىڭ لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 32 مىڭ موغا يەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە يېڭى لازا مەھسۇلات مىقدارى 100 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن. لازا تېرىقچىلىقى ھازىر شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 9- ئاينىڭ 11-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخىلا بازىرى قىزىل بايراق مەھەللىسىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازىلارنى ئايرىماقتا. يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە تېرىلغان 260 مىڭ مو يەردىكى يازغى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ بۇغدايلارنى ئورۇپ، بىر تال داننىمۇ قالدۇرماي ئامبارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خۇايۈەن يېزىسىدىكى ئېتىزدا كومبايىن ئارقىلىق يازغى بۇغداي ئورۇلماقتا. داۋۇت رىشات فوتوسى
 

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5-شىسى قوشئۆگۈز شەھىرىدىكى 100 مىڭ مو يەردىكى خۇڭتى، شياخىي، كېرۇيسېن قاتارلىق ئۈزۈملەر ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئۈزۈم ئۈزۈشنى تېزلىتىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاپىرىپ ساتتى. سۈن مىڭلياڭ فوتوسى 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.