تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدارە قىلىش «ئاقىل» ئىدارە قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى مۇلازىمەت تېخىمۇ قولايلاشتى

قورغاس شەھىرى ئاقىل مەھەللە سۇپىسىغا تايىنىپ ئاممىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى

ئىدارە قىلىش «ئاقىل» ئىدارە قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى مۇلازىمەت تېخىمۇ قولايلاشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر فەن تىڭجۈن

«لى ئاچا، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرمەكچى بولسىڭىز قىزىل ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىنى چېكىڭ، ئاندىن ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى ليۇ جياڭنى تاللاڭ، باشقا ئىشلار بىلەن كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ. مەن چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ بېرىمەن» دېدى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قورغاس شەھىرى قاراسۇ كوچا باشقارمىسى قاراسۇ مەھەللىسىنىڭ كادىرى ليۇ جياڭ مەھەللە ئاھالىسى لى شياڭلىغا.

لى شياڭلى مەھەللىدە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرىشنىڭ بۇنچە قولايلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئۇ خۇشال ھالدا: «ياخشى! ياخشى! ياخشى!» دېدى.

لى شياڭلىنى رازى قىلغان بۇ توردا كەسىپ بېجىرىش شەكلى ئوخشاشلا ليۇ جياڭنىمۇ خۇشال قىلدى. «ھازىر ئاھالىلەرنىڭ غەم قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ھەل قىلىش ناھايىتى قولايلاشتى. ئاھالىلەر مەھەللىگە تېلېفون قىلىپ، توردا ئالدىن كېلىشىشنى تاماملىسىلا، بىز توردىلا ئۇلارغا ياردەملىشىپ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرەلەيمىز، بۇنىڭدىن ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتى تېجەپ قېلىندى، ھەم خىزمەت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى» دېدى ليۇ جياڭ.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، قاراسۇ مەھەللىسى ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەشكىللەش، تەشۋىق قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئاقىل ئېلىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق يەتتە چوڭ ئىقتىدار بىر گەۋدە قىلىنغان قاراسۇ ئاقىل مەھەللە ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈردى. بۇ سۇپا ئاھالىلەرنى توردا دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ نۇقتىلار ئارا ئاممىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدارە قىلىشنى «ئاقىل» ئىدارە قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى باغلاقتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە، «قىزىل ۋاكالىتەن بېجىرىش»تىن ئىبارەت بۇ بىر تۈرلۈك ئىقتىدار بىلەنلا ئامما ئۈچۈن 200دىن ئارتۇق كەسىپ بېجىرىلىپ، 3000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاراسۇ مەھەللىسى ئاقىل مەھەللە سۇپىسىغا تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئاقىل ئېلىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش، تۇرمۇش ئىزىنى تېز رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نورمالسىز ئەھۋاللاردىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاھالىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىنى ئازايتتى، بۇنىڭ بىلەن خىزمەتمۇ تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

توردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئاقىل ئېلىش»نىڭ بىر خىل شەكلى. بۇ شەكىل ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەشنى باشقۇرۇشقا قولايلىق. ئەگەر ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە كېيىنكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى «بالدۇر بايقاش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ھازىر، ھەر كۈنى ئاقىل مەھەللە سۇپىسى ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مەلۇم قىلىدىغان ئاھالىلەر 5000دىن كۆپرەك كىشىگە يەتتى، ئاھالىلەرنى قاپلاش نىسبىتى %100كە يەتتى.

«مېنىڭ توردا بەدەن تېمپېراتۇرامنى مەلۇم قىلىۋاتقىنىمغا ئۇدا 379 كۈن بولدى، 4500 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشتىم. ھەر كۈنى توردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مەلۇم قىلغاندا، قولايلىق ھەم تېز بولىدۇ، يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، مەن بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇردۇم» دېدى قاراسۇ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى سىيوۋ.

«بىزنىڭ تەۋەلىك رايوندا كۆچمە نوپۇسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %84 بولۇپ، باشقۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، يېقىندا ئاقىل مەھەللە سۇپىسىغا كۆچمە نوپۇسنى مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.» قاراسۇ مەھەللىسى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چيەنجېن مۇنداق دېدى: «تەشۋىقات يېتەكچىلىكى، جۇغلانما نومۇر بويىچە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، ئاھالىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆچمە نوپۇسلارنى بايقاپ ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىپ، بىزنىڭ خىزمەت يۈكىمىزنى يېنىكلەتتى».

«ئاقىل» ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، قاراسۇ مەھەللىسى ئۆزئارا چەكلەيدىغان، ئۆزئارا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ھەممە ئادەم جۇغلانما نومۇر ئالىدىغان، ھەممە ئائىلە قاتنىشىدىغان، بىنالار ئارا ئىناق ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

«مېنىڭ بىرلەشمە ئائىلەمنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان جۇغلانما نومۇرى 10 مىڭ نومۇردىن كۆپرەككە يەتتى، مەن ئاخىر بەش يۇلتۇزلۇق بىرلەشمە ئائىلە باشلىقى قاتارىغا كىردىم.» قاراسۇ مەھەللىسىنىڭ بىرلەشمە ئائىلە باشلىقى ما چۇنلەن مۇنداق دېدى: «ھازىر قوشنىلار شەخس، ئائىلە، بىرلەشمە ئائىلە جۇغلانما نومۇرىغا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى، كۆپچىلىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇغلانما نومۇر ئىلتىماس قىلىپ، مەھەللىنى كۆپچىلىكنىڭ ئائىلىسى دەپ بىلدى، ھەربىر كىشى رولىنى جارى قىلدۇرماقتا».

قاراسۇ مەھەللىسىمۇ توردا ئاھالىلەرنى جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، 12 چوڭ تۈردىكى 200 خىل ئاھالىلەر ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە «360 گىرادۇس» مەدەنىي ھەرىكىتى بويىچە يېتەكلەشنى يولغا قويدى؛ جۇغلانما نومۇر باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاي، پەسىل، يىل ۋە شەخس، ئائىلە، بىرلەشمە ئائىلە، مەھەللە جۇغلانما نومۇرى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، بولۇپمۇ بىرلەشمە ئائىلە جۇغلانما نومۇرى قوشنىلار ئارىسىدا ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ بىر - بىرىدىن ئېشىپ كېتىشتەك قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، جۇغلانما نومۇرى 10 مىڭ نومۇردىن ئاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %12تىن ئۆرلەپ %47كە يەتتى؛ بەش يۇلتۇزلۇق بىرلەشمە ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتى %12.13تىن ئۆرلەپ %37.08كە يەتتى.

«مەھەللە ئاھالىلىرىنى جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشىنىڭ نېرۋا ئاخىرقى ئۇچىنى جانلاندۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ ئورتاق ئىدارە قىلىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىنى تېخىمۇ چوڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئورنىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، <يۈكنى ئازايتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ھوقۇقنى كېڭەيتىپ فۇنكسىيەنى ئاشۇرۇش>تىن ئىبارەت مەھەللە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى قورغاس شەھىرى قاراسۇ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.