تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نارات ئوتلىقىدىكى باۋزاڭ مۇزىكا ئەترىتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

باش كۈزدىكى نارات ئوتلىقىنىڭ سەھىرىدىكى جىمجىتلىق كىشىنى مەھلىيا قىلاتتى، ئاتلار تېخى يايلىغىلى چىقمىغانىدى، نارات مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، قوشۇمچە پاس گىتارچى ۋەن خەيتاۋ باشقا يەتتە ئەترەت ئەزاسىنى باشلاپ، بىر كۈنلۈك رېپېتىتسىيەنى باشلىدى.

مۇزىكا زالى، قاۋاقخانا، كوچا قاتارلىق ئويۇن قويۇش مەيدانلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئۇلارنىڭ ناخشا ئېيتىش نۇقتىسىنىڭ ئىسمى تاۋسانى بولۇپ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى دەريا جىلغىسى ئوتلاق لىنىيەسىگە كىرىدىغان تۇنجى مەنزىرە نۇقتىسى ئىدى. بۇ جاي بىر تاغ، تۆت مەنزىرە نۇقتىسى بار دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتلاق، تۆپىلىك، ئورمان، قارلىق تاغلار بىلەن قورشالغانىدى.

«شۇ كېچىدىكى يامغۇرمۇ سېنى قالدۇرۇپ قالالمىدى، تاغ جىلغىلىرىدىكى شامال ماڭا ھەمراھ بولۇپ ياش تۆكتى...» «كۆكتوقايدىكى پادىچى» «ھەسەل ھەرىسى باققۇچى قىزنىڭ ساپ ھېسسىياتى» «ئوتلاقنىڭ سېھرىي كۈچى»... ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ناخشىلاردىن ھازىرقى بازار تاپقان مودا مۇزىكىلارغىچە، ئۇلارنىڭ ناخشا ساداسى ئوتلاقتا ياڭرىدى.

مۇزىكا ئەترىتىنىڭ سەككىز ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئوتلاقتا تۇغۇلۇپ، ئوتلاقتا چوڭ بولغان. 2018 - يىلى 11 - ئايدا، ۋەن خەيتاۋ نارات مەنزىرە رايونىنىڭ مۇزىكا ئەترىتى قۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، چېڭدۇدىكى مۇزىكا شىركىتىدىن ئايرىلىپ كۈنەس ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، ئارزۇ - ئىستەكلىرى بىردەك بولغان ئۈچ ھەمراھى بىلەن مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللىدى. بىر ئايدىن كېيىن، نارات مۇزىكا ئەترىتى رەسمىي ئويۇن قويۇشقا باشلىدى.

بۇلتۇر، ئۈچ مۇزىكانت دومبىرا، قوبۇز قاتارلىق مىللىي چالغۇلىرىنى ئېلىپ ئەترەتكە قوشۇلۇپ، ئويۇننى تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلدى. بەزىلەر چالغۇنى تونۇشتەك ھېس قىلسا، بەزىلەر مۇزىكىنى تونۇشتەك ھېس قىلدى، ئۇلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ، خۇددى بىر - بىرىنى بىلىشىدىغان ناتونۇشلارنى ئۇچراتقاندەك بولدى.

مۇزىكا ئەترىتى يىل بويى مەنزىرە رايونىدا ناخشا ئېيتىدۇ. 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئويۇن قويۇش پەسلىدە، ئۇلار كۈنىگە بەش مەيدان ئويۇن قويىدۇ، ھەر مەيدانى يېرىم سائەت داۋاملىشىدۇ. قىش پەسلى كىرگەندە، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئويۇن قويىدۇ. تور سىرتىدا ئويۇن قويغاندىن سىرت، مۇزىكا ئەترىتى يەنە دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ باردى.

«ئىلگىرى قاۋاقخانىلاردا، مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇن سەھنىلەردە ئويۇن قويۇپ باققانىدىم، ناراتتا ناخشا ئېيتىپلا بۇ يەردىن ئايرىلغۇم كەلمەسلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» ۋەن خەيتاۋ مۇنداق دېدى: «بۇنداق تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىدە ناخشا ئېيتسا، ئادەم ئۆزىنى تېخىمۇ ئەركىن ھېس قىلىدىكەن ھەم تېخىمۇ ئىلھامى كېلىدىكەن».

ھازىر، نارات مۇزىكا ئەترىتى 20 مۇزىكىنى ئىجاد قىلدى، ئۆزگەرتىپ ئىشلىدى، بۇلار «ئەزىم دەريا» «ئوتلاقنىڭ سېھرىي كۈچى» «ھەرە باققۇچى قىزنىڭ ساپ ھېسسىياتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ناراتقا ئائىت ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ناخشىدىن يەتتىسى بار.

«ئويۇن قويۇش داۋامىدا، ساياھەتچىلەر دائىم بىزنىڭ رىتىمىمىزگە ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىپ ياكى ئۇسسۇل ئويناپ، مۇزىكا ئەترىتى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە كەتكۈسى كەلمەيدۇ.» ئاساسلىق ناخشىچى قالىم ئەلىمجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بېيجىڭلىق بىر ساياھەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ قايتىپ كەتمەي ئارتۇق بىر كۈن ناخشا ئاڭلىغان.

نۇرغۇن ساياھەتچى ئۇلارنىڭ مەستانىسىگە ئايلاندى. بەزى ساياھەتچىلەر توردا مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئويۇن قويۇش سىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ناراتقا مەخسۇس كېلىپ، نەق مەيداندا ئاڭلىدى؛ بەزى ساياھەتچىلەر ئويۇن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئالدىنقى قېتىم ناراتقا كەلگەندە سىنغا ئېلىنغان سىن ياكى خاتىرە سۈرەتلەردىن ئۇلار بىلەن ھەمبەھرىلىنىپ، قىزغىنلىق بىلەن يېقىندا يەنە قانداق يېڭى ناخشىلارنى ئېيتقانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.

«بىز ھەممىمىز يۇرتىمىزنى ناھايىتى سۆيىمىز.» دۇمباقچى قاستېر تۇرسۇنئەلى مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلەرنىڭ ناخشىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناراتنىڭ گۈزەللىكىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، لەرزان ناخشىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.