تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ئىشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىردى

ئونسۇ:

ئەمەلىي ئىشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىردى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 28 ئورۇن دىققەتنى كۆكيار بازىرىنىڭ پاقىلىق كەنتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە بېيىش يېڭى يولى ئېچىپ بېرىپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ھەربىر ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىردى.

پوچتا تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسى، تاللا بازار، سوقماق دۇكىنى، تۇز ئارقىلىق داۋالاش ئۆيى... 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مۇخبىر پاقىلىق كەنتىدە ھەر خىل نامدىكى خاس دۇكانلارنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ئېچىلغانلىقىنى كۆردى.

پاقىلىق كەنتى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇپ، 2012 - يىلى قۇرۇلغان. كۆكيار بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گۈلزار ھامىدىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيەدىكى 28 ئورۇن كەنتكىچە بىۋاسىتە ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، 30 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە كىچىك دۇكان ئېچىشىغا ياردەم بەردى. بۇ 30 كىچىك دۇكان كەنتتە «كەسىپ كوچىسى» شەكىللەندۈرۈپ، بۇ يىل جەمئىي 3000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، تىجارەت كىرىمىنى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.

65 ياشلىق خېلىل ئەلى ئونسۇ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە سوقماق دۇكىنى ئاچتى، قىشتا سوقماق ساتسا، يازدا دوغاپ ساتتى. «خوتۇنۇم ئىككىمىز ياشىنىپ قالدۇق، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە شارائىتىمىز يار بەرمەيدۇ، بۇ كىچىك دۇكاننى ئېچىپ، ئۆيىمىزدىن چىقمايلا كىرىمىمىزنى ئاشۇرالىدۇق، ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى!» دېدى خېلىل.

خېلىلنىڭ سوقماق دۇكىنىدا بۇ يىل 5 - ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلانغانىدى. تىجارەت باشلاشتىن ئىلگىرى ئونسۇ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى مەخسۇس خادىم ئەۋەتىپ كۆپ قېتىم خېلىل بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تىجارەت تۈرىنى بېكىتتى. خېلىل ئەر - خوتۇننىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ئويلىشىپ، ئونسۇ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى يەنە ئۇلارنى تەييار سوقماق بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، خېلىل پەقەت دۇكاندا تۇرۇپ ساتسىلا بولاتتى.

سوقماق دۇكىنى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان سودا خېلىلنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدا تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. مەنمۇ بىر پارتىيە ئەزاسى، ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، قۇربىمنىڭ يېتىشىچە كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن ئاز - تولا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىم كېرەك.» بۇ يىل 6 - ئايدا، خېلىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كەسلەپ قويۇلغان ئوتۇن يەتكۈزۈپ بەردى، يەنە توشۇش قورالى يوق كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتى بىلەن ئوغۇت يەتكۈزۈپ بەردى.

پاقىلىق كەنتىدە خېلىلغا ئوخشاش كەنت ئاھالىلىرى يەنە خېلى كۆپ. تاللا بازىرىنىڭ لوبەنى قەمبەرخان ئابدۇۋايىتنىڭ دۇكىنىدىكى تاۋارلارنىڭ بېكىتىلگەن باھاسى ناھىيە بازىرىدىكى تاللا بازارلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى مۇقىم باھادىن بەھرىمەن قىلدى؛ پوچتا تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى ھاۋانار مەمەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېز يوللانما تاپشۇرۇۋېلىشى ۋە يوللىشىغا ياردەملىشىپلا قالماي، يەنە يۈك ماشىنىسى ھەيدەيدىغان ئېرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە داۋاملىق بۇيرۇپ كەلدى...

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نىشان - تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدۇق. پائالىيەت داۋامىدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قىيىن ئىشى، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشىنى ھەل قىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى» دېدى ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جىڭ ۋېنشىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.