تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ماكاندا تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

قاتار - قاتار يېڭى ئۆيلەر رەتلىك سېلىنغان، يوللار تۈپتۈز، كەڭ ئىدى، يېزا - كەنتلەردىكى سېخلاردا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلارنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى... 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كىرگىنىمدە، ھەممىلا جايدا ئىناق مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى.

«ئىشەنچ بولسىلا، سېرىق توپىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ» «كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارسىلا، چوقۇم ياخشى كۈنگە ئېرىشكىلى بولىدۇ»... بۈگۈنكى كۈندە، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا قاراشلىق سەككىز مەمۇرىي كەنتتىكى 15 مىڭ كەنت ئاھالىسى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆۋەنلىدى، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى

يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان يۇڭپىڭ كەنتىدە، ئىللىق قۇياش نۇرىدا ياشانغانلار ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ سالقىندىغاچ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئىشلار توغرىسىدا مۇڭدىشىۋاتاتتى؛ بالىلار ئىلەڭگۈچ ئۇچقاچ خۇشال كۈلۈشەتتى...

«نامراتلارنى باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ يۆلەش بولمىسا، بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى ئىمىنجان تاش خۇشال ھالدا.

ئىمىنجاننىڭ يۇرتى قوشراپ يېزىسىنىڭ ئاراتاش كەنتىدە بولۇپ، كەنتتە قاتناش قولايسىز، كەسىپ يوق ئىدى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمىن ئۆيدە ئولتۇردى، ئۇمۇ مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىپ، تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدىغان بولدى. «بالىلار ئىشىك ئالدىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئىشىكتىن چىقساقلا ئىش بېجىرەلەيمىز، مال سېتىۋالالايمىز، ھەممىسى ناھايىتى قولايلىق» دېدى ئىمىنجان.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى خۇددى بىر «يېڭى شەھەر»گە ئوخشاش بولۇپ، تۇرمۇش رايونى، كەسىپلەر رايونى، باقمىچىلىق رايونى قاتارلىق رايونلارنىڭ پىلانلىنىشى ئىلمىي، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، مەكتەپ، شىپاخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. «يېڭى شەھەر» ئەتراپىدىكى 25 مىڭ مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى بۈك - باراقسان ۋە ياپيېشىل ئىدى.

«يېڭى ئۆيۈمنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆۋەنلىدى، ئەمما تۇرمۇش سەۋىيەمىز ئۆستى، ھازىر كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى ئىمىنجان خۇشال ھالدا.

بۈگۈنكى كۈندە، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدا تۈرلۈك تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى دائىملىق قانات يايدۇرۇلدى. دامسى يېزىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن رابىگۈل مامۇت ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى بويىچە بىرنەچچە قارار تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى. «تەربىيەلىنىش ئارقىلىق مەن ئائىلىدىكىلەر، قوشنىلار بىلەن قانداق قىلىپ ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋالدىم.» رابىگۈل بۇنداق تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىش ناھايىتى ئەمەلىي بولدى دەپ قارىدى.

ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا قاراشلىق سەككىز كەنت يەنە مۇۋاپىق پەيتتە كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان يېڭى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

«بىر ئائىلىدىن كۆپ ئادەم» مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى

«زاۋۇت ئىشىك ئالدىدىلا، پۇل تاپالايمىز ھەم ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمىز» دېدى كەنت سېخىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان گۈزەلنۇر قۇربان ناھايىتى خۇشال ھالدا.

قىزغىن، ئوچۇق - يورۇق گۈزەلنۇر يۇڭپىڭ كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ ناھايىتى تېزلا كەنت سېخىدىن خىزمەت تاپتى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى خىزمىتى ئىدى. «خاتىرجەم، مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى، تۇرمۇشۇم ئۈمىدكە تولدى.» گۈزەلنۇر تاغدىن چىقىپ بۈگۈنكى كۈندە سېخنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن ئاشتى.

«باشقا جايغا كۆچۈرۈش سىياسىتىگە تايىنىپ، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى. ئېرىم ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولدى، يەنە مۇقىم كىرىمى بار بولدى.» گۈزەلنۇر مۇنداق دېدى: «يېڭى ماكانغا كۆچۈپ كېلىپ، روھىي ھالىتىمىزمۇ ياخشىلاندى، كۆپچىلىك كەلگۈسىگە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد باغلىدى».

«يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم يولى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى.» يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى لياڭپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بارلىق ئاماللار بىلەن كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، يېزا - كەنت سېخلىرىنى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق.

بۈگۈنكى كۈندە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى كەنت سېخى، پاكىز سۇ زاۋۇتى، باقمىچىلىق مەيدانى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، تەۋەلىك رايونىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشى بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بىز ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ چوقۇم بېيىش يولىغا ماڭالايمىز، ئەتىكى تۇرمۇشىمىز چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!» دېدى گۈزەلنۇر كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يولىغا مېڭىش

يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدىكى ئەگمە پارنىكلار قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئەگمە پارنىكلاردا كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئېتىز باشلىرىدا كۆكتات توشۇشنى كۈتۈپ تۇرغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتلار تۇراتتى...

«تاغدا يېرىم ئۆمۈر ياشىدىم، ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى ئۆگىنىۋالالايدىغىنىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن» دېدى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ جاڭدۇ ئۈزۈۋاتقان توختەم توختى.

«تۇنجى قېتىم جاڭدۇ ئۆستۈرۈشۈم، بۇنداق ياخشى ئۆسۈشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» توختەم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر سېتىلىش باھاسى 5 - ئاينىڭ بېشىدىكىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن بىر كۈندە 700 - 600 يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن.

ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا لىق جاڭدۇ باسقان ئايگۈزەل ئىسراپىل كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ئەگمە پارنىكنى توختەم ئاكامغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئاندىن بازىغا بېرىپ ئىشلىسەك، قوش كىرىمگە ئىگە بولىمىز».

ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئايگۈزەل باشقا جايدىن كۆچۈرۈلگەن نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش، ئىككى مو يەر ۋە بەش پۇڭ كېلىدىغان ئەگمە پارنىكقا ئېرىشتى.

«بەختكە يارىشا تاغدىن كۆچۈپ چىققاچقا، بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق.» كەنت ئاھالىسى ئاقچىقىز دالەك مۇنداق دېدى: «ئېرىم ئىككىمىز بازىدا ئىشلەيمىز، ھەر ئايلىق مائاشىمىزنى قوشقاندا 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ».

قوشراپ يېزىسىنىڭ تۆلىگەن كەنتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان ئىناق كەنتىگە كۆچۈرۈلگەن كەنت ئاھالىسى ئاقچىقىز مۇنداق دېدى: «توختەمگە ئەگىشىپ ئىشلىسەم، پۇل تاپالايمەن يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيمەن، كەلگۈسىدە مەنمۇ ئەگمە پارنىكتا جاڭدۇ ئۆستۈرىمەن».

يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا ھازىر پارنىكتىن 100ى، ئەگمە پارنىكتىن 3000ى بار بولۇپ، تاۋۇز، بەسەي، چەيزە، ئوسۇڭ قاتارلىق خاس مېۋە - كۆكتاتلار ئۆستۈرۈلدى.

«بىز كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئائىلىسىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئەگمە پارنىك بولۇشىغا، ئەگمە پارنىكنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پايدىسىنىڭ 2500 يۈەندىن ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى شى لياڭپىڭ.

باشقىلارغا بېلىق بەرگەندىن، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ئەۋزەل. يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بازىسى تاغدىن چىققان كەنت ئاھالىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يولىغا باشلاپ، بېيىش يولى ئېچىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.