تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدىنى ھەر تەرەپكە تارىتىپ، دېھقانلارنىڭ يانچۇقىنى تېخىمۇ تومپايتىمىز»

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت مەركىزىنىڭ ئامبىرىدا، خىزمەتچىلەر باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ قاچىلىماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويا

«ئەمدىلا ئاياغلاشقان جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىدە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى نامىدىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا نۇرغۇن زاكاز كېلىشىمى ئىمزالاندى، بولۇپمۇ يەرمەنكىگە تۇنجى قېتىم قاتناشتۇرۇلغان ئورگانىك ياڭاق مېيى، زاراڭزا مېيى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى» دېدى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ مېۋىچىلىكى داتاڭ يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياڭ يۇڭشياڭ مۇخبىرغا.

شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشىدىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىپ باغ - ئورمان بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش، تېرمىنالدا سېتىش ۋە بازار باشقۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى كارخانىسىغا ئايلاندى.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«باش شۇجى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان كەسپىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئېففېكتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، 2014 - يىلى مېۋىچىلىك گۇرۇھىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، <شىنجاڭنىڭ خاس بايلىقىنى يەنىمۇ ياخشى ئېچىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇڭلار> دەپ بىزنى ئىلھاملاندۇردى، بۇ سۆزلەر كاللامغا ئىزچىل چوڭقۇر ئورناپ كەتتى» دېدى ياڭ يۇڭشياڭ.

ئۆتكەن بىر يىل داۋامىدا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە سىجىل كۈچەپ، پۇختا، قەدەم - باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوخشاش يۇقىرى باھاغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، گۇرۇھ ئالىبابا قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەبىئىي بايلىق ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىت ئەۋزەللىكىگە ئىگە يەر ناملىرى ئۇقۇمىنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق، «شىنجاڭچە تەمنى ئىزدەش» «گۈزەل شىنجاڭ» قاتارلىق يۈرۈشلۈك كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرپاننىڭ ئاق كىشمىش ئۈزۈمى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سەمەت ئۆرۈكى، ئاقسۇنىڭ «18 گىرادۇسلۇق تاتلىق» ئالمىسى قاتارلىقلارنى سېتىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغ - ئورمان بايلىقى ئەۋزەللىكىنى سۈپەتلىك ماركا ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىغا سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلاردا چىلان، ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودا، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزىدىن 11نى قۇرۇپ، بازا، پىششىقلاش، سودا، سوغۇق زەنجىرسىمان ئامبار، ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، توشۇشتىن تېرمىنالدا سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى توپلاشقان تەرەققىيات سۇپىسىنى بەرپا قىلدى. 2020 - يىلى گۇرۇھنىڭ سېتىۋالغان - ساتقان، سودىلاشقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆلىمى 2 مىليون توننا بولۇپ، ئالاقىدار بازارلار تۈرتكە بولغان پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەتكەن ئادەم 100 مىڭدىن ئاشتى.

بۇ يىل شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەر ۋە يەرلىك بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاغانتوقاي تاغ گۈلى بايرىمى «مەدەنىيەت + ساياھەت + ئېلېكتىرونلۇق سودا» يۇغۇرما تەرەققىيات پائالىيىتى، «بەختلىك يېڭىسار، شىڭخاۋ يوۋنى» باش تېما پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى. «ئالاقە تورى سۇپىسى ئارقىلىق، توردا ۋە تور سىرتىدا شۇ جاينىڭ ئادىمىيەت، جۇغراپىيە، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ھەمدە ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق.» ياڭ يۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش جەھەتكە قەدەم تاشلىدۇق، زاراڭزا مېيى، ياڭاق مېيى، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان جىغان پاراشوكى، شوخلىدىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلات قاتارلىقلارنى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سالىمىز».

«بىز مېۋىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى <ئىككى تور> قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، خاس باغ - ئورمان كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ باغۋەننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدىنى ھەر تەرەپكە تارىتىپ، دېھقانلارنىڭ يانچۇقىنى تېخىمۇ تومپايتىمىز» دېدى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ جۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.