تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز تارقاتقان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى 22 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

3 مىليون 474 مىڭ 900 ئامما مەنپەئەتلەندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئاپتونوم رايوندىكى مالىيە تارماقلىرى 28 تۈر بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىدىن جەمئىي 22 مىليارد 144 مىليون يۈەن تارقاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن 3 مىليون 474 مىڭ 900 ئامما مەنپەئەتلەنگەن.

ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ تارقىتىلغان سوممىسىدىن قارىغاندا، رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرغان تۈرلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا: قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياردەم پۇل مەبلىغى 4 مىليارد 462 مىليون يۈەن بولۇپ، تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %20.15ىنى ئىگىلەيدۇ؛ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى 2 مىليارد 315 مىليون يۈەن بولۇپ، تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %10.45ىنى ئىگىلەيدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى 891 مىليون يۈەن بولۇپ، تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %4.02ىنى ئىگىلەيدۇ؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش ياردەم پۇل مەبلىغى 447 مىليون يۈەن بولۇپ، تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %2.02ىنى ئىگىلەيدۇ؛ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم پۇل مەبلىغى (يېزا تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ياردەم پۇل تولۇقلىمىسى) 301 مىليون يۈەن بولۇپ، تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %1.36ىنى ئىگىلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى ئاممىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، دەل جايىدا، تولۇق تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايوندىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمىتى مەخسۇس بەنى مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.