تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن زور»

كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كوچىسى (9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

[ئىستون سۆزى]

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ، گېزىتىمىز «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر يىلدا» ئىستونىنى ئېچىپ، جانلىق ھېكايىلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى تەسىرلىك ئەمەلىيىتىنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«ئاشۇ كۈن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان كۈن، بىز مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلايمىز.» 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، يەنىلا چەكسىز ھاياجانغا چۆمدى، «ئاشۇ كۈنى ئىشىكىمىز ئالدىدا، مەن باش شۇجىغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەزىز مېھمانلارغا سوۋغا قىلىدىغان گۈللۈك دوپپىسىنى تەقدىم قىلدىم، ئۇ خۇشال ھالدا كىيدى».

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئاياغمەنگەن كەنتىگە كەلدى.

«باش شۇجى ئائىلىمىزنىڭ ياتاق ئۆي، ئاشخانا ئۆي، كالا - قوي قوتىنى، باغ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىمىزنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.» بۇ ئىشلار ئابدۇقېيۇمنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە ئىدى، «باش شۇجى تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇ سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دېگەنىدى».

باش شۇجىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرغان سۈرىتىگە قاراپ، ئابدۇقېيۇم چىرايىدىن بەخت جىلۋىلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا، خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ھويلىغا لىق تولدى، باش شۇجى يۇرتداشلار بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى».

«باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى بىزنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.» ئابدۇقېيۇم مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، بۇ بىر يىلدا كەنتتىكى ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن زور بولدى!»

مۇخبىر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئابدۇقېيۇمنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

كەڭ، پاكىز كوچىلار، رەتلىك ھويلىلار، ياپيېشىل مېۋىلىك دەرەخلەر، قاتار - قاتار دۇكانلار، ھەرقايسى جايلاردىن كېلىپ - كېتىپ تۇرغان ساياھەتچىلەر... 2020 - يىلى، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ 700 يۈەن، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 450 مىڭ يۈەن بولدى.

«بۇ ئائىلىمىزنىڭ بايلىقى.» ئابدۇقېيۇم مۇخبىرنى باشلاپ ئارقا ھويلىغا چىقتى، قوتاندا قوي، كالىلار بار بولۇپ، كۆكتاتلىقتا ياڭاق، ئۆرۈك، چەيزە، شوخلا قاتارلىق مېۋە - كۆكتاتلار ئۆستۈرۈلگەنىدى.

«ئائىلىمىزنىڭ بۇ ھويلىسىنى كىچىككەن دەپ قالماڭ، بىر يىلدا 40 - 30 مىڭ يۈەن كىرىم بولىدۇ! بىر كالىنى ساتسام ئاز دېگەندە 3000 يۈەن تاپالايمەن، بىر يىلدا ئىككى قېتىم سېتىپ چىقىرىمەن. تۆت پۇڭ يەردىكى گۈل - گىياھ پارنىكىدا، يىلدا گۈل سېتىپ قىلغان كىرىمىمىز 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.» ئايال ساھىبخان ئايشەمگۈل ئەزىز ئېرىنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزگە ياخشى كۈنلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار، پۇل تاپالايدىغان بولدى، ئۈمىدۋار ياشايدىغان بولدى».

باقمىچىلىق قىلىش، گۈل ئۆستۈرۈشتىن باشقا، ئابدۇقېيۇم يەنە تىراكتور ھەيدەپ باشقىلارنىڭ يەر ئاغدۇرۇشى، زىرائەتلەرنى ئورۇشىغا ياردەملىشىدىكەن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئۇ يەنە ئۆيىنى بېزەپ پۇقراۋى تۇرالغۇ قىلىپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان بولۇپ، بىر يىللىق كىرىمى 110 مىڭ يۈەندىن ئېشىپتۇ.

«بۇ بىر يىلدا، بېيىش يولىمىز ماڭغانسېرى كېڭەيدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەممىسى پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن بولدى.» ئابدۇقېيۇم ئۆزى تىرىشىپ ئىشلەپلا قالماي، يەنە باش شۇجىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.

«ياخشى تۇرمۇش كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن.» بېيىشنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىغان ئابدۇقېيۇمنىڭ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئېشىپلا قالماي، ئىدىيە جەھەتتىمۇ ئىلگىرىلەشنى ئاكتىپ تەلەپ قىلىدىغان بولدى. 2017 - يىلى 7 - ئايدا، ئابدۇقېيۇم شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى.

«نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى ئەمىن ئۆيلەرنىڭ ھويلا تاملىرىغا يېزىلدى، شۇنداقلا ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگىمۇ يېزىلدى.

«مۇشۇ يىللاردا، كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى گۈزەللەشتى، ساياھەتكە كېلىدىغانلار كۆپەيدى، چىلان، ئەنجۈر، شىنمېي ئۆستۈردۇق، پۇقراۋى تۇرالغۇ ئاچتۇق، يەنە <مەملىكەت بويىچە دېموكراتىك قانۇنچىللىقتىكى ئۈلگىلىك كەنت(مەھەللە)> بولۇپ باھالاندۇق...» ئابدۇقېيۇم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىقتىساد، ئېكولوگىيە، بەخت جەھەتلەردىن ھېسابات قىلىپ باقتىم، قانداقلا ھېسابلىسام ھەممىسىدە پايدا ئاپتىمەن! يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىر تۈركۈم مېھىر - مۇھەببەتلىك، ئىرادىلىك، تالانتلىق ياشلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. بىز باش شۇجىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە يەنە كېلىپ، كەنتىمىزدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرى، پۇقراۋى قونالغۇلار، تاللا بازارلىرى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكانلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك كۆپىيىپ 130 نەچچىگە يەتتى، نۇرغۇن سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلارمۇ يۇرتىغا قايتىپ تەرەققىي قىلدى.

«ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئۆزگىرىش كۆپ، لېكىن ئەڭ زور ئۆزگىرىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيە قارىشىدىكى ئۆزگىرىش بولۇپ، مىننەتدارلىق ئېڭى بېيىش ئېڭى، كۈرەش قىلىش ئېڭىغا ئايلاندى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ليۇ خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى «مېنى قىلىشقا بۇيرۇش»تىن «مەن قىلىمەن»گە ئۆزگەردى، ھەربىر كۈنى ئالدىراش ھەم مەنىلىك ئۆتىدىغان بولدى.

يېزا - كەنتلەر ھازىر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشىلاندى، كونا قىياپىتى يېڭىلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان ئاياغمەنگەن كەنتى يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنتكە خاس قىياپەت بىلەن كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.