تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش چوقۇم ئادىل، ھەققانىي بولۇشى كېرەك

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا سىجىل تۈردە يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ نامنى بۇلغاپ، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى قوراللاشتۇرۇپ، ھەدەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، خەلقئارا مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتى ھەمكارلىقىغا ئېغىر كاشىلا يەتكۈزۈپ ۋە بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشىغا قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ پەيدا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئاتالمىش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە ئائىت دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئوينىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بىمەنە ئويۇنىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاش، ئۆزئارا زىددىيەتلىك بولۇشتەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇ ئويۇننى يىغىشتۇرىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.

مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش ماھىيەتتە ئىلىم - پەنگە قارشى بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەقسىتى دەل مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىپ، جۇڭگونى بېسىش، توسۇشتىن ئىبارەت. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا نۇرغۇن ۋاسىتىلەرنى «كەشىپ قىلدى»: ھەدەپ يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇپ ۋە تارقىتىپ، مۇشۇنداق قىلغاندا كىشىلەرنى قايمۇقتۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىدى؛ كۆپ تەرەپچىللىكنى دەستەك قىلىپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكىچە زومىگەرلىكنى خەلقئارا قائىدە ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقتىن ئۈستۈن قويۇشقا ئۇرۇندى؛ قىلچە ئەيمەنمەي «مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تېررورىزمى» بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا تەھدىت سالدى، بېسىم ئىشلەتتى؛ ئادىل، ھەققانىي، باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىنى نەزەرگە ئالماي، يولسىزلارچە جۇڭگودىن ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ھىيلە - مىكىر سەپسەتىسىنى ھەدەپ كۆپتۈردى، ئۆزىنىڭ يۇقۇم مەنبەسى ئەڭ ئېغىر، زور دۆلەت، ۋىرۇسنى تارقاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى بولسا كۆرمەسكە سېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلدى ۋە قوبۇل قىلمىدى... تۈرلۈك قىلمىشلىرى ھەم ئەخلاقسىزلىق، ھەم شەرمەندىچىلىك بولۇپ، ھەقىقەتەن بىر چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىگە ماس كەلمەيدۇ.

ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن ئىلمىي بولغان توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بارغانسېرى كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، ۋۇخەندە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بايقىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر نەچچە ئايدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس جۇڭگودىن باشقا نۇرغۇن دۆلەت، نۇرغۇن جايدا كۆرۈلگەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدا كۆپ مەنبەلىك، كۆپ نۇقتىلىق پارتلاش خاراكتېرلىك تارقىلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدە مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئىزچىل تۈردە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە توغرا قاراشنى خالىماي، ھەدەپ سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئىتتىرىشكە ئۇرۇنۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىدى، بۇ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن تېز غەلىبە قىلىشتەك ئورتاق مەنپەئىتىگە پۈتۈنلەي زىت. 80 نەچچە دۆلەتنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە خەت ئەۋەتىش، بايانات ئېلان قىلىش ياكى نوتا تاپشۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، جۇڭگو − دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنى قوللاپ، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشى، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 300دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىغا مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە باياناتى سۇنۇشى دەل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىلى. ئامېرىكا بۇ ھەققانىي سادالارنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەك.

ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشقا، سۈنئىي ئۇسۇلدا قاراڭغۇ رايون تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتىكى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى جەزمەن بىرىنچى باسقۇچتىكى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇزارتىپ كېڭەيتكەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋال ۋە جاۋابنى ھەقىقىي تۈردە تاپقىلى بولىدۇ. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئاغزىدا «بىز جەزمەن بۇ يەر شارىۋى تىراگېدىيەگە ئومۇميۈزلۈك ۋە ئاشكارا چۈشەندۈرۈش بېرىشىمىز كېرەك» دەپ جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەرىكىتىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى قاتتىق سىر ساقلاپ، پاسسىپ ھالدا ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قەستەن توسالغۇ پەيدا قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە كاشىلا يەتكۈزدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە پايدىسىز بولدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن بۇرۇن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنى پېچەتلىدى ھەم قايتا تەكشۈرمىدى. ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى سەھىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئىلگىرى شۇ جايدا 2020 - يىلى 1 - ئاي ۋە 2 - ئايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغان 171 نەپەر ئاغرىقنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغان، شۇنداقلا ئەجەبلىنەرلىك ھالدا ئۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. بۇ ئېنىقكى ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشتە قوش ئۆلچەم ئويۇنىنى ئوينىغانلىق.

ئامېرىكا ۋىرۇس تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئەڭ بالدۇر قايتا تەشكىللىگەن، ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت، يەر شارىۋى تاجسىمان ۋىرۇس تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەرگۈچىسى ۋە يولغا قويغۇچى تەرەپ، شۇنداقلا بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىك خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەت. جۇڭگو ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ كېتىشى مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس دېگەن يەكۈننى چىقاردى، ئامېرىكا ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش سەپسەتىسىنى قوللايدىغان ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات يوق، دەپ قارىدى. ھېچقانداق دەلىل ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا تەرەپ تاكى بۈگۈنگىچە يەنىلا جاھىللىق بىلەن تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىشنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئادىل، ھەققانىي، باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئامېرىكىمۇ قائىدە بويىچە ئۆز دۆلىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىنى ئېچىۋېتىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا خەلق ئاممىسىغا جاۋاب بېرىپ، مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئامېرىكا دتېرىكبۇرك بازىسى، شىمالىي كارولىنا داشۆسىنى تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىش مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىكى مۇۋاپىق، يوللۇق تەلەپ. ئەگەر ئامېرىكا قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا، بۇ پەقەت ئۇنىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى يالغۇز جۇڭگوغىلا قارىتىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش توغرا يولىدىلا مېڭىش كېرەك. ئىلمىي يەكۈن ۋە پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا، ھەرقانداق سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق. ئامېرىكا تەرەپ ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئىلمىي مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا توسالغۇ پەيدا قىلىشتەك خاتا ئۇسۇلنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرىنى يەر شارى مىقياسىدا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت، نۇرغۇن جايدا مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن بىر چوڭ دۆلەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشى كېرەك.

(8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.