تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇرپان − بايىنغولىن ئوبلاستى − كۇچا Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تۇرپان − بايىنغولىن ئوبلاستى − كۇچا Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئۆزئارا تەمىنلەش ئىقتىدارى 1 مىليون 600 مىڭ كىلوۋاتتىن 3 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلىدىكەن.

تۇرپان − بايىنغولىن ئوبلاستى − كۇچا Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. بۇ قۇرۇلۇش 750 كىلوۋولتلۇق تۇرپان تىرانسفورموتور پونكىتىدىن باشلىنىپ، كۇچانىڭ 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ، 2019 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، يېڭىدىن ياسالغان لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 621 كىلومېتىر، جەمئىي 1336 تۆمۈر مۇنار بار بولۇپ، تەخمىنەن 1 مىليارد 808 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئۆزئارا تەمىنلەشتە «كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش» ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك، كۈندۈزى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا يەتكۈزۈلىدۇ، كېچىسى دەل ئەكسىچە بولىدۇ، شۇڭا جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئۆزئارا تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بايلىقىدىن ئەلالاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلەتتى. 2016 - يىلى ئىلى − كۇچا 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تىيانشاننى ئوراپ تۇرىدىغان ئېلېكتىر تورى شەكىللىنىپ، ئىلى − كۇچا ۋە تۇرپان − بايىنغولىن ئوبلاستى كەسمە يۈزىنىڭ يۇقىرى چەكتە توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 2900 مېگاۋاتقا يەتتى. بۇ قېتىم تۇرپان − بايىنغولىن ئوبلاستى − كۇچا II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ ئارقىلىق ئىلى − كۇچا ۋە تۇرپان − بايىنغولىن ئوبلاستى كەسمە يۈزىنىڭ توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى 3300 مېگاۋاتقا يەتكۈزۈپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئارىسىدىكى توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ ئارىلىقىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.