تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو شۈيشىگوۋ قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس كىچىك بازىرىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى ناھىيەسى قۇرالاي مىللىي قول ھۈنەر - سەنئىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرى ۋە پايدىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۈيشىگوۋ بازىرىنىڭ فاڭجياجۇاڭ كەنتى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ساياھەت، يېمەك - ئىچمەكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان تۇنجى دېھقانلار ئارامگاھى كەسپى كەنتى، پۈتۈن كەنتتە جەمئىي 150تىن ئارتۇق دېھقانلار ئارامگاھى بار بولۇپ، ھەربىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، شۇ جايدىكى 450تىن ئارتۇق كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. چېن چۈەنگو بىر دېھقانلار ئارامگاھىغا كىرىپ، ئاشخانا ئۆي، تاماقخانا، مېھمانخانا ئۆينى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تىجارەتچى ۋە خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا تىجارەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت ساياھىتى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شيەنلەي كىچىك بازىرىنىڭ كۇەنجەي شياڭزى مەدەنىيەت - ساياھەت پىيادىلەر كوچىسى ۋە شۈيشىگوۋ قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس كىچىك بازىرىدا، چېن چۈەنگو دۇكانلارنىڭ تىجارىتى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يىرىك پىلان لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايون خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات ئارقىلىق كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، بازار بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

قۇرالاي مىللىي قول ھۈنەر - سەنئىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، چېن چۈەنگو كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرى ۋە پايدىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەشتە سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چېۋەر قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇشنى كەشتىلەپ چىقىشقا يېتەكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو شۈيشىگوۋ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ رايونىغا كېلىپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پۇقراۋى قونالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك خاس ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت سېلىنمىسىنى جەلپ قىلىپ، دېھقانلارنى كۆپ خىل شەكىلدە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە ئۈرۈمچى كوئېنلۇندا ئۇچرىشىش مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ساياھەت ئويۇنى قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ خاسلىققا ئىگە، پەرقلىق بولغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، بازارلاشقان تىجارەت، ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەت، كەسىپلەشكەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېتەكلەش، تەسىر كۆرسىتىش ۋە قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورنىنى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى توغرا تېپىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق پايدىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پايدىسى، سىياسەت پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كەسپى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، كىشىلەر ئىناق ئۆتىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداشتا ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.