تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر پىلانلاپ، پۇختا پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلەش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى بويىچە سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

​سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر پىلانلاپ، پۇختا پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلەش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى بويىچە سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تارىخ» تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» باش تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر پىلانلاش، ئىنچىكە پىلانلاش، پۇختا پىلانلاش كېرەك. «باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش» بىلەن «باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەش»نىڭ بىرلىكىدە، «دەل جايىدا سۆزلەش» بىلەن «جانلىق سۆزلەش»نىڭ بىرلىكىدە، «كەسپىي ئەترەت» بىلەن «خاس ئەترەت»نىڭ بىرلىكىدە، «تولۇق قاپلاش» بىلەن «مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش»نىڭ بىرلىكىدە، «يۈزتۇرا سۆزلەش» بىلەن «ئېكراننى ئېكرانغا توغرىلاش»نىڭ بىرلىكىدە، «ياخشى سۆزلەش» بىلەن «ياخشى قىلىش»نىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئىدىيەگە، قەلبكە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا، يەتتە ۋىلايەت، ناھىيەلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.