تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە كىرىمى %23.9 ئاشتى

مالىيە ئەمەلىي كۈچى مۇقىم ئاشتى تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى​

ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە كىرىمى %23.9 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە ۋە باج يىغىش خىزمىتى بويىچە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە كىرىم - چىقىمى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپىتى ئۆسۈپ، مالىيە ئەمەلىي كۈچى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشقان؛ تۈرلۈك باج ئېلىش ئېتىبار سىياسەتلىرى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن. بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە كىرىمى 104 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23.9 ئاشقان؛ مالىيە چىقىمى 366 مىليارد 550 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.1 ئاشقان.

«14 - بەش يىل» باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باج تارماقلىرى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، داۋاملىق يولغا قويۇلۇۋاتقان ۋە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان باج يىغىش ئېتىبار سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى رايون خاراكتېرلىك باج يىغىش ئېتىبار سىياسىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان 17 تۈرلۈك تەدبىرنى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ پاختا، توقۇمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان پىكىر - تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «ئاساسىي گەۋدىسى»نى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باج سىستېمىسى«مەن باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن ۋە خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش تەدبىرىدىن 184نى يولغا قويدى؛ «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى مۇلازىمەت تىزىملىكىنى كېڭەيتتى، 203 تۈرلۈك باج - ھەق ئىشىنى «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ «تۈر باشقۇرغۇچىسى» مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كارخانا ئۇششاق بېجى» ھەمتۈرتكە سۇپىسى، «بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش» ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇپىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، باج يىغىشنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا «بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش» بويىچە 8 مىليارد 562 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. باج يىغىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېڭىدىن رەسمىيەت بېجىرگەن باجغا چېتىشلىق بازار سۇبيېكتى 293 مىڭ 800گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئاشقان.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېڭىدىن 415 مىليارد 130 مىليون يۈەن زايوم تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى؛ ئاپتونوم رايون مالىيەسى جەمئىي 40 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ساياھەت كەسپىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەبلىغىدىن جەمئىي 43 مىليارد 490 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بەردى؛ مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن جەمئىي 145 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇردى؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە جەمئىي 1 تىرىليون 763 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

2020 - يىلى مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزغا 71 مىليارد 620 مىليون يۈەن بىۋاسىتە مەبلەغ چۈشۈردى، چىقىم 69 مىليارد 10 مىليون يۈەن بولدى، چىقىم سۈرئىتى %96.4 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.