تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

G575 لىنىيەسى باركۆل - قومۇل تاشيولى شەرقىي تىيانشان تونېلىنىڭ ئوڭ تەشمىسى تۇتاشتۇرۇلدى

شەرقىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ چىقىش ئېغىزى (8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئىشچىلار تونېلدا ئوڭ تەشمىنىڭ تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 10دا، شىنجاڭ G575 لىنىيەسى باركۆل - قومۇل تاشيولىنىڭ ئاچقۇچلۇق كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى − شەرقىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ ئوڭ تەشمىسى تۇتاشتۇرۇلدى. تۈر بۆلۈمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سول تەشمىسىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى تۇتاشتۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ يىل 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن.

G575 لىنىيەسى باركۆل - قومۇل تاشيولى تۈرى قومۇل شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، «يىپەك يولىدىكى چوڭ يول» ۋە «دۆلەت تاشيول تورى يىرىك پىلانى»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ «بەش توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، يەتتە ۋېرتىكال ئۆتۈشىدىغان» يۇقىرى سۈرئەتلىك، ئالىي دەرىجىلىك تاشيول تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى 5 - ۋېرتىكال (تۆمۈرتام پورتى - قومۇل - چاقىلىق ئالىي دەرىجىلىك تاشيولى)نىڭ مۇھىم تەركىبىي يول بۆلىكى. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 76.5 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار 1 - دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ.

بۇ تۈر ئارا تۈرۈك ئات فېرمىسى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىگە تەسىس قىلىنغان شەرقىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى ئوڭ - سول تەشمە ئارقىلىق شەرقىي تيانشاننى كېسىپ ئۆتىدۇ، تونېلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11.775 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئۇزۇنلۇقى ئەڭ ئۇزۇن، قۇرۇلۇش قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان تاشيول تونېلىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو قاتنىشى 1 - تاشيول ئىدارىسى كۆۋرۈك تونېل قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تونېلنىڭ كىرىش ئېغىزى بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلىشقا مەسئۇل بولغان، جۇڭگو قاتنىشى 1 - تاشيول ئىدارىسى 5 - قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى چىقىش ئېغىزى بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلىشقا مەسئۇل بولغان. شەرقىي تىيانشان تونېلىنىڭ گېئولوگىيەلىك ئەھۋالى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا، 2016 - يىلى 8 - ئايدا باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، تۈر قۇرۇلۇشى بەش يىل بىر ئاي داۋاملاشقان.

كىرىش ئېغىزى بۆلىكىدىكى قورشىما تاغ جىنسلىرىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى ۋە ئېتىلىپ چىققان سۇنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇش بۇ تونېلدا قۇرۇلۇش قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە بولغان. «قورشىما تاغ جىنسلىرىنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، تاغ جىنسلىرى شۇنچە يۇمشاق بولىدۇ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. تونېل كىرىش ئېغىزى بۆلىكىنىڭ ھەممىسى Ⅳ دەرىجىدىن يۇقىرى قورشىما تاغ جىنسلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسمى Ⅴ دەرىجىلىك قورشىما تاغ جىنسى دەرىجىسىگە يەتكەن، ئۈچ قەدەمدە بىر تىرەك قويۇپ قوغداشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنى ئادەتتىكى تونېل قۇرۇلۇشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىشنى ئۈچ - تۆت قېتىم قىلغانغا باراۋەر. بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، بىر قېتىم كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۇ ئېتىلىپ چىقىش يۈزبېرىپ، قۇرۇلۇش ۋاقتى 20 كۈنگە يېقىن كەينىگە سۈرۈلدى. شۇڭا، باشقا تونېللاردا بىر ئايدا 180 مېتىر ئىلگىرىلىسەكمۇ، بۇ تونېلدا پەقەت 50 مېتىرلا ئىلگىرىلىيەلىدۇق» دېدى جۇڭگو قاتنىشى 1 - تاشيول ئىدارىسى كۆۋرۈك - تونېل قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ G575 لىنىيەسى باركۆل - قومۇل تاشيولى توپا - تاش قۇرۇلۇشى 1 - بۆلىكى تۈر دىرېكتورلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى شياۋ فۇلېي.

شەرقىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى G575 لىنىيەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇش تېخى تاماملانمىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، تونېل ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە تونېل قوشۇمچە قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن. «G575 لىنىيەسى G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G312 شاڭخەي - قورغاس لىنىيەسىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ غول لىنىيەلىك ئۈچ تاشيولىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدىكى مۇھىم قاتناش چوڭ تومۇرىغا ئايلىنىدۇ» دېدى جۇڭگو قاتنىشى 1 - تاشيول ئىدارىسى كۆۋرۈك تونېل قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ G575 لىنىيەسى باركۆل - قومۇل تاشيولى توپا - تاش قۇرۇلۇشى 1 - بۆلىكى تۈر دىرېكتورلار بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى جۈن.

بۇنىڭدىن باشقا، G575 لىنىيەسىنىڭ باركۆل - قومۇل تاشيولىدا قاتناش باشلاش قومۇل شەھىرىنىڭ «بىر سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكى» بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.