تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسسىق قېنى بىلەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

رېن چاڭجۈ:

ئىسسىق قېنى بىلەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

2013 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، رېن چاڭجۈ توپىلاڭچىلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش داۋامىدا بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇنىڭ ھاياتى 34 يېشىدا توختاپ قالدى.

شۇ يىلى، رېن چاڭجۈگە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ بېكىتىلدى.

ھەممىنىڭ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ساداقەتمەنلىك روھىنى تاۋلاش

سەككىز يىل ساقچى بولغان رېن چاڭجۈ قىممەتلىك ھاياتى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

2013 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 13تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مارالبېشى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سېرىقبۇيا بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى رېن چاڭجۈ يېڭىبازار مەھەللىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جاڭ لىشەننىڭ: «بىز تەۋەلىك رايونىدا زىيارەت قىلىۋاتقاندا، يەتتە ناتونۇش كىشىنى بايقاپ بازارلىق ساقچىخانىغا ئاپارماقچى بولغىنىمىزدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىدۇق» دېگەن تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى.

كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن، رېن چاڭجۈ مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن خەلق ساقچىسى ليۇ مۇنى ساقچى ياردەمچىلىرىنى باشلاپ جاڭ لىشەن بىلەن ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بىر تەرەپتىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىغا ساقچى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ۋەقە يۈزبەرگەن جايغا تېزلىكتە بېرىشنى تاپىلىدى.

قارشى تەرەپنىڭ ئادەم سانىنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكىنى، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئويلىشىپ، رېن چاڭجۈ سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ سىياسىي قانۇن كادىرى مۇتەللىپ مەمەت ۋە بازارلىق ساقچىخانىنىڭ جياۋداۋيۈەنى مەمتىمىن ئوبۇلغا تېلېفون بېرىپ ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ خادىملارنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى ھەم ساقچى ياردەمچىلىرىنى بېرىپ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتوموبىلىغا ماسلىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رېن چاڭجۈ ھويلىغا ئېتىلىپ كىرىپ باشقا خەلق ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە گۇمانلىق كىشىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، بۇ كىشىلەرنى بازارلىق ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقچى بولدى.

بۇ ۋاقىتتا، دەرۋازا تۇيۇقسىز قولىغا پىچاق، پالتا ئالغان بەش توپىلاڭچى تەرىپىدىن ئىتتىرىپ ئېچىۋېتىلدى. توپىلاڭچىلار غالجىرلاشقان ياۋايى ھايۋاندەك رېن چاڭجۈگە ئېتىلدى، ئۇ توپىلاڭچىلارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى چەكسىز سۆيىدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.

رېن چاڭجۈ قۇربان بولغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى بۇ قېتىمقى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى ناھايىتى تېزلا پاش قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنىڭ 25 ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈردى.

خەتەرلىك - مۈشكۈل پەيتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇش

رېن چاڭجۈنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمەتدىشى، مارالبېشى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سىن تەسۋىرى رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ چېڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەن رېن چاڭجۈ بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشەتتىم. مەن چوقۇم قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇنىڭ ئورۇنداپ بولالمىغان ئىشلىرىنى ياخشى قىلىمەن».

1979 - يىلى 4 - ئايدا، رېن چاڭجۈ خېنەننىڭ جېچېڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1999 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 2004 - يىلى شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكومىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 2005 - يىلى 12 - ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مارالبېشى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان.

«ساقچى بولغان سەككىز يىلدا، رېن چاڭجۈ تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل بولۇپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، مارالبېشىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈردى» دېدى مارالبېشى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يەن مىڭجىڭ.

تەۋەلىك رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رېن چاڭجۈ ئامانلىق بەرپا قىلىش ۋە چارلاش، مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. كۈندۈزى ئۇ تەۋەلىك رايونىدىكى ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلارنى ئارىلاپ، تۈرلۈك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولدى؛ كېچىسى ئۇ ئەترەتنى باشلاپ كېچىلىك چارلاپ تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى...

2011 - يىلى 4 - ئايدا، رېن چاڭجۈ ئە Xنىڭ توكسىكلىت ئوغرىلىغان گۇماندار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئەتراپلىق رازۋېدكىنى قانات يايدۇرغان. ئون نەچچە كۈن جىددىي خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، يۈرۈشلۈك توكسىكلىت ئوغرىلاش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، ئوغرىلانغان ئۈچ توكسىكلىتنى قايتۇرۇپ كەلگەن، دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي سومما 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. ئارقىدىن ئۇ يەنە يوقالغان نەرسىلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، قايتۇرۇۋېلىنغان ئۈچ توكسىكلىتنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.

2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خىزمەت داۋامىدا ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، رېن چاڭجۈ سېرىقبۇيا بازىرىدىكى مەلۇم مېھمانخانىدا زەھەر سېتىشقا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى م Xنى تۇتقان، ئۇنىڭ ئۆيىدىن بىر كىلوگىرام نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن.

خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، سەمىمىيىتى ئارقىلىق ئەل قەلبىنى ئىللىتىش

«ئومۇم ئۈچۈن ساقچى بولۇش، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىش»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، رېن چاڭجۈ كۈندىلىك خىزمىتىدە ئاممىنىڭ ساداسىنى بىرىنچى سىگنال قىلىش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى تاللاش قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئويلىنىش قىلىش، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇردى.

رېن چاڭجۈ بازارلىق ساقچىخانىنىڭ بىر مىنىبۇسىنى «كۆچمە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ چاققان، ھەرىكەتچان، تېز، ئۈنۈملۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوغرىدىن ساقلىنىش، زەھەردىن ساقلىنىش قاتارلىق بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى پائال تەشۋىق قىلدى ھەم قانۇن - نىزام بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى تەۋەلىك رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى «ساقچىخانا»غا ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە «بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى» قاتارلىق تەشۋىقات كىتابچىلىرىنى تۈزۈپ، ئاممىغا ۋاقتىدا تارقىتىپ بەردى. رېن چاڭجۈنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش ھەرىكىتى پۈتۈن ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، تەۋەلىك رايونىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«يولداش رېن چاڭجۈنىڭ قەلبىگە خەلقنى پۈكۈش، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەشتەك خىزمەت ئىدىيەسى بىزنى ھەر ۋاقىت ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ۋارىسلىق قىلىش ئەڭ ياخشى ياد ئېتىش، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇ ئارقىلىق يولداش رېن چاڭجۈنى ياد ئېتىمىز» دېدى يەن مىڭجىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.