تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى ئاڭلىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن خۇا، شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر يې سۈي خەۋەر قىلىدۇ: «يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈرلەر، بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ ئاۋانگارتلاردىن ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەك». 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38 - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ ۋېي سۆزلىگەن «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر لېكسىيە سۆزلەش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، باش تېمىلىق ئەترەت كۈنى، سىنىپ يىغىنى پائالىيىتى، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىلىمنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىش توغرىسىدا تەربىيە بەردى، يېتەكلىدى.

ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، قومۇل شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» باش تېمىسىدىكى 2021 - يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» ۋە «دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىش» باش تېمىسىدىكى ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى قانات يايدۇردى ھەم دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ تىڭچاۋ بالىلارنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى چۈشىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى ئۈچۈن بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. پارتىيەنىڭ قىزىل مۇساپىسى بالىلارنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى. «بىز ۋەتەننىڭ گۈل - غۇنچىلىرى، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ ئەتىسى، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز كۈچلۈك بولسا، ۋەتىنىمىز تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىرادە باغلايمەن» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇنەۋەر مەمەت.

كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، مول مەزمۇنلۇق «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى باشلىدى. مەكتەپ «ۋەتەنگە سالام»نى باش تېما قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بالىلارنى توغرا بولغان كىشىلىك ھايات قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. «<ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس> پائالىيىتى ئارقىلىق، مەن بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىق 2 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇغېنى زىبەيدۇللا.

فۇكاڭ شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ «ساۋات چىقىرىش، ئەقىل ئېچىش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش» تېمىسىدىكى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى قانات يايدۇردى، لەپىلدەپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بالىلارنىڭ قەلبىدىكى قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتتى، «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنى دەرسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى يەن زىيۈ مۇنداق دېدى: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈپ، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈپ، ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەن قۇرۇلۇشىدىكى دۆلەتنىڭ تايانچلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك».

موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلىكىدە، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. بۇ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىق 5 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئايالا مۇنداق دېدى: «<ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس> ئارقىلىق، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، ئەجدادلىرىمىز بوشاشماي كۈرەش قىلغاچقا، ۋەتىنىمىز گۈللەنگەن، قۇدرەت تاپقان. بىز ئەجدادلارنىڭ روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.