تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل يېزا ئىگىلىكى كەنتنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىش يولىنى ئاچتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىنىڭ ئاھالىسى گاۋ چى ئۆزى مەسئۇل بولغان كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ يېرىگە كېلىپ، يەر تۈزلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى. 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كەنتتە كۈزگى بۇغداي بىرتۇتاش تېرىلىدۇ.

كۈزدە تېرىپ يازدا يىغىۋېلىش قارىماققا دەۋرلىنىپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ياۋزەنزە كەنتىدە، ھەر يىلى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، يېڭى ھوسۇلمۇ ئېلىنىدۇ.

«ئۆزگىرىۋاتقىنى يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى كەسىپ، ئۆزگەرمەيدىغىنى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى» دېدى، ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تاڭ پېيكې.

گاۋ چىنىڭ ھازىر ئۈچ خىل سالاھىيىتى بار: ياۋزەنزە كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ياۋزەنزە كەنتى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچىكى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇغداي تېرىش، پەرۋىش قىلىشىغا مەسئۇل «بۆلەك باشلىقى». ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ خىل سالاھىيەتمۇ ياۋزەنزە كەنتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ كارتىنىسى.

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ياۋزەنزە كەنتىدە باشقا كەنتلەرگە ئوخشاش، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ يېرىنى ئۆزى تېرىيتتى. 2009 - يىلى، كەنتتە فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى يەرلەر بىرتۇتاش دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىلىپ، بىرىكتۈرۈلۈپ «بىر پارچە ئېتىز»غا ئايلاندۇرۇلۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش باشقۇرىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى پايچىككە ئايلىنىپ، «بىر پارچە ئېتىز»نى ئورتاق تېرىدى، كەنت ئاھالىلىرى يېرىنى پاي قىلىپ قوشسا ئوبوروت ھەققى بار، يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ.

دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا، گاۋ چى ئۆزىنىڭ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردى، كېيىن، ئۇ تېرىقچىلىق ماھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بۇغداي تېرىش بۆلەك رايونىنىڭ «بۆلەك باشلىقى» بولدى. بۇ بىرقانچە يىلدا، ئۇ ئۆزى يالغۇز 2000 مو بۇغدايلىقنى تېرىش، پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولدى. كەنتتە ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇشۇنداق «بۆلەك باشلىقى»دىن 80 نەچچىسى بار بولۇپ، ئۇلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 180 مىڭ مو يېرىنى ئورتاق باشقۇرىدۇ.

«بۇلتۇر، مەن باشقۇرغان بۇغداينىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولدى، شۇڭا مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 120 مىڭ يۈەن يىللىق مائاش ئالدىم، بۇنىڭغا ئائىلىمىزنىڭ 95 مو ھۆددە يېرىنىڭ 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئوبوروت ھەققىنى، ھەمدە كوپىراتىپقا قوشقان پاينىڭ تەقسىملەنگەن 35 مىڭ يۈەن پايدىسىنى قوشقاندا، ئومۇمىي كىرىمىم 200 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى» دېدى گاۋ چى ئىپتىخارلانغان ھالدا.

تاڭ پېيكې مۇنداق تونۇشتۇردى: «پۈتۈن رايون يېشىل بولۇش، قىسمەن ئورگانىك بولۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، كەنت مۇشۇ يىللاردا يېشىل، ئورگانىك زىرائەتلەرنى، بولۇپمۇ يېشىل، ئورگانىك بۇغداينى ئومۇميۈزلۈك تېرىدى.

ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينى تېرىغاندا، قوشۇلما قىممەتنى قانداق ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ تاڭ پېيكې مۇنداق دېدى: ياۋزەنزە كەنتىدە بىر تال يېشىل، ئورگانىك بۇغداي يېشىل، ئىنچىكە پىششىقلىنىش ئارقىلىق، ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان يېشىل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.

يازدا يىغىۋېلىنغان بۇغدايلار زامانىۋى ئاشلىق ئامبارلىرىغا دۆۋىلەندى، ئاندىن يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق كەنتتە قۇرۇلغان ئۇن پىششىقلاش سېخىغا يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم ئۇندا يەنە قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپ چىقىرىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا سېتىلدى.

بازاردا ئادەتتىكى ئۇننىڭ بىر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئۈچ يۈەندىن ئاشىدۇ، ھالبۇكى، ياۋزەنزە كەنتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئورگانىك بۇغدايدىن ئىشلەنگەن ئورگانىك ئۇننىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 20 يۈەن. تاڭ پېيكې مۇنداق تونۇشتۇردى: گۇچۇڭ ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋزەنزە كەنتىنىڭ بۇغدىيى يەنە يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىكلىكى بىلەن داڭلىق. ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي خام ئەشياسىغا تايىنىپ، «ياۋزەنزە» سۈپەتلىك ماركىسىدىكى يېشىل، ئورگانىك ئۇن ۋە قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپ ھازىر «داڭلىق ماركىلىق مال»غا ئايلاندى.

بۇلتۇر ياۋزەنزە كەنتى 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇن پىششىقلاش زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇردى. بۇ يىل 11 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ئۇن پىششىقلاش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى 10 مىڭ توننىدىن 60 مىڭ توننىغا ئۆسىدۇ، بۇغداي خام ئەشياسىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 170 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپ زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھەر يىلى بازارنى 1200 توننا قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپ بىلەن تەمىنلەيدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

تاڭ پېيكې مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەنتتە شىنجاڭ ياۋزەنزە ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى، بۇمۇ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان تۇنجى گۇرۇھ شىركەت. شىركەت يېڭى تەشكىلىي شەكىل ئارقىلىق تۈرلۈك يېشىل بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، كەنتنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل كەسىپ زەنجىرى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش زەنجىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرىدۇ.

«كەنتىمىز يېشىل، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپلا قالماي، ھازىر يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى يول ئاچتى» دېدى، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتە ياۋزەنزە كەنتى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنىڭ ئاشخانىسىدا ئاشخانا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خەن لې قىزغىن تونۇشتۇرۇپ.

2018 - يىلى، خەن لې شىنجاڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى ياۋزەنزە كەنتىگە قايتىپ، ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى.

ياۋزەنزە كەنتى شىمالدا گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىغا 29 كىلومېتىر، جەنۇبتا جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا 19 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن مەنزىرە رايونىغا بېرىشتىكى چوقۇم ئۆتىدىغان جاي. بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنت 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كەنت تارىخى سارىيى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، مەززىلىك تائاملار مەيدانى، خاس پۇقراۋى قونالغۇ، بۇغداي ئېتىزى باغچىسى، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسكۇرسىيە زاۋۇتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئەمەلىي مەشىق بازىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، توردا ئالقىشلانغان «جەزمەن بارىدىغان جاي»غا ئايلاندى.

2020 - يىلى ياۋزەنزە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 24 مىڭ 180 يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ 1000 يۈەندىن كۆپ ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

■ سۆز ھەممىگە

يېشىل رەڭ ئاساس قىلىندى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بار بولدى

□ تاڭ پېيكې

يېشىل، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش، پىششىقلاش، سېتىشتىن يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، مۇشۇ يىللاردا، ياۋزەنزە كەنتى يېزا ئىگىلىك يېشىل كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى ھەم «كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كەنت ئاھالىسى» ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېشىل رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان، ئۈچ كەسىپ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ سىجىل زورىيىشى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپ ئاساس. ياۋزەنزە كەنتىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېشىل تەرەققىياتنى ياخشى قىلغاندىلا، يېشىل كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتقاندىلا، ئاندىن يېزا ئىگىلىك قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ كەسىپ تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئاندىن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.