تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھېسسىيات يۇغۇرۇش، سىردىشىش ئارقىلىق ھەقىقىي ھېسسىياتنى ھېس قىلىش

− ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بىر كۈننى ئالدىراش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنىڭ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەشرەپ مەمەت ئوقۇتقۇچىسى ياڭ دېشىنغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭغا يېقىندىن بۇيانقى پىراكتىكا ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. «مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن ياڭ مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەڭ ئالدىرايمەن» دېدى ئەشرەپ.

بۇلتۇر، ئەشرەپنىڭ تۇيۇقسىز جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قوزغىلىپ كېچىلەپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇپ داۋالىتىلدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان 23 كۈندە، ياڭ دېشىن ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەك، يېتىپ - قوپۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالدى. بەدىنىنى سۈرتۈش، چېچىنى يۇيۇش، كىيىمىنى يۇيۇش... كېسەل كارىۋىتى ئالدىدا، كىر يۇيۇش ئۆيىدە ھەر كۈنى ياڭ دېشىننىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلىشىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇق - تۇغقىنىدەك كۆرۈش، ياڭ دېشىن بىلەن ئەشرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئىككىيلەننىڭ ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» (يەنى «سىنىپقا كىرىش، ياتاققا كىرىش، ئاشخانىغا كىرىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاتا - ئانىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلىشىش») پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى، مائارىپ سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى قاتناشتى، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن يازلىق تەتىل قەشقەر داشۆسى بىناكارلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەناقىز يۈسۈپجاندا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمان، يەنى قەشقەر داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ جىخەي ۋە قەشقەر داشۆسى بىناكارلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى كەلدى. ئۇلار ئاپتوموبىللىق ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى دەناقىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، ئۇنىڭ يازلىق تەتىلدىكى تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى سۈرۈشتۈردى، ئاتا - ئانىسىدىن مەكتەپكە قانداق تەكلىپ - پىكىرلىرى بارلىقىنى سورىدى.

«مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆيىمىزگە كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئىنتايىن تەسىرلەندىم! ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ئۆز بالىسىدەك كۆرىدىكەن» دېدى دەناقىزنىڭ ئانىسى ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، قەشقەر داشۆسى جەمئىي 26 ئائىلە زىيارىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 200دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئىللىقلىقنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىگە ھەقىقىي يەتكۈزدى.

خېجىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى. تولۇق 3 - يىللىق 15 - سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى بەي لىلىنىڭ سىنىپىدا 37 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيتتى، مەكتەپتە ئۇ بالىلارنىڭ «چوڭ ئائىلە باشلىقى» ئىدى. ھەر قېتىملىق دۇەنۋۇ، جۇڭچيۇ قاتارلىق بايراملاردا، بەي لىلى ئۆزى پۇل خەجلەپ يۆبىڭ، زۇڭزا، قەنت - گېزەك قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بەي لىلى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر كۈنى ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسى يېزىشقا يېتەكلىدى ھەم كۈندىلىك خاتىرە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ۋە ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى.

«سىنىپىمىزغا ئالدىنقى مەۋسۇمدە يۆتكىلىپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭى كەلگەن ۋاقتىدىكى يازغان خېتى بەك سەت ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىگە ھەر قېتىم ئىلھام ۋە تۈرتكە بولىدىغان باھا سۆزى يېزىپ قوياتتىم، بۇ مەۋسۇمدە ئۇنىڭدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى.» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىنى كۆرگەن بەي لىلى بۇنىڭدىن خۇشال بولدى.

شىنجاڭ داشۆسى ئۇدا بەش يىل «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلىش، ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش، پەن تەتقىقات مەشىقى، ھايات پىلانى، پىسخىكا تەربىيەسى جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا كۈچەپ ياردەم قىلدى، يۆلىدى، يېتەكچىلىك قىلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلارغا 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ياردەم بېرىپ، 3000دىن ئارتۇق ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى. بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش نىسبىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى قاتارلىقلار مۇقىم ئاشتى. «دەرسخانىنىڭ ئىچى - سىرتىدا ئوقۇتقۇچىلار تىرىشىپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۇستازى ۋە ياخشى دوستىغا ئايلاندى» دېدى شىنجاڭ داشۆسى پارتىيە كومىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 383 مىڭ كادىر، ئوقۇتقۇچى 11 مىڭ مەكتەپ بىلەن ئالاقە باغلاپ، 4 مىليون 510 مىڭ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچى بىلەن قوشماقلىشىپ دوست بولدى. كەڭ كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشماقلىشىپ دوست بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە تەلەپ - پىكىرلىرىنى ئىگىلەپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.