تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگونى توسۇش مۇقەررەر بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئامېرىكىنىڭ ئىلىم - پەن ۋە پاكىت بىلەن ھېسابلاشماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئېلىپ بارغانلىقى بىر كۈلكىلىك ئويۇن بولۇپ، ئۇ جۇڭگوغا قارا چاپلاش، جۇڭگونى توسۇش، بېسىش مۇددىئاسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەكشۈرۈشنى داۋاملىق كۆپتۈرگەندە جۇڭگو تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە بايلىقىنى خورىتىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن سودىلىشىش پىشكىسىنى كۆپەيتىپ، جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، دەپ جار سالغان. باشقا دۆلەتلەرگە بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاش ئامېرىكىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئويۇنى. مەيلى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشتىن ئىلگىرى بىر بوتۇلكا ئاق پاراشوكنى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ ئىسپاتى دېسۇن ياكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى «بوۋاقلارنى بېقىش ساندۇقى ۋەقەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنى قۇترىتىپ ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولسۇن، ئامېرىكا سىياسىي ئېھتىياج تۇغۇلغاندا ھامان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىشقا ماھىر بولۇپ كېتىدۇ. ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا كونا نەيرىڭىنى قايتا ئىشقا سېلىپ، ئاخبارات ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بۇ مەيدان ئەسىر يۇقۇمىنى جۇڭگونى توسۇش، بېسىشنىڭ تۇتقىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. بەزى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئىنتايىن ئوچۇق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاساسلىق كۈچكە ئايلىنىشىدىن بەكلا ئەندىشە قىلىدۇ، شۇڭا ئىزچىل تۈردە تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ جۇڭگونى چەكلەشنى ئويلايدۇ».

ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنىڭ سىياسىي ھېساباتىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى سەل چاغلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلقئارادىكى زاتلار بەس - بەستە ئادالەت يولىدا ھەق سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي نەيرەڭۋازلىقى، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشتەك رەزىل غەرىزىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىپ، ئامېرىكا «يەر شارىۋى تىراگېدىيەدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى جۇڭگوغا دۆڭگەپ قويۇشقا ئۇرۇنۇشى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق، قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى. ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش بولسۇن ياكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاش، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا بولسۇن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ھەرقانداق يالغان - ياۋىداق سۆزنىڭ ھەممىسى پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ھەرقانداق قارا چاپلاشنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ تۆھپىسىنى يوققا چىقىرالمايدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىس ئالدىدا، بىر ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىلگىرى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، يەر شارىۋى كىلىماتنى تۈزەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم، زور قارالمىلاردا ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشتى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئۈزلۈكسىز ھالدا تىغ ئۇچىنى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە قارىتىپ، جۇڭگونىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان توسۇش، بېسىشنى زورايتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بولغان، ئۇلار جۇڭگونى ئەڭ ئاساسلىق رەقىب دەپ قاراپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىيات مۇساپىسىنى توسۇش ۋە ئۈزۈپ قويۇشقا ئۇرۇندى. دەل مۇشۇنداق خاتا تەپەككۇرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار بىمەنە ھالدا، ئەسىر يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت جۇڭگونى توسۇش، بېسىش ئۈچۈن پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، دەپ قارىدى.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى خاتا تەپەككۇرى توغرىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى ئۇنىڭ يەنىلا باشقا بىر دۇنيادا − رېئال بولمىغان، شۇنداقلا كەلگۈسىمۇ بولمىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىدا. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق بىر يەر شارىۋىلاشقان دەۋردە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بىر كېمىدە بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇشى مۇقەررەر تاللاش. ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار دۇنيا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا موھتاج بولغاندا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشنى تاللىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە موھتاج بولغاندا قوشنىلىرىغا ئورا كولاشنى تاللىدى، جۇڭگونى توسۇش، بېسىش غەرىزىنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە پەقەت ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىتىدۇ.

تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىنى چىقىش قىلىپ، خالىغانچە تۆھمەت قىلىپ ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونى توستى، باستى، بۇ مۇقەررەر بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق، ئىشقا ئاشمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى توسۇشى، بېسىشى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئەسلا توسۇپ قالالمايدۇ، پەقەت جۇڭگو خەلقىنى گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى غايەت زور ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇ تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. بۇ مەسىلىدە، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار خام خىيالىدىن ھوشىغا كېلىپ، ئازغان يولىدىن قايتىشى كېرەك.

ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى بىردىنبىر توغرا يول. ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار ئەگەر بالدۇرراق توغرا ھۆكۈم چىقارماي، داۋاملىق توسۇش، بېسىش ئۇسۇلىنى قوللانسا، ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى پەقەت تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ، مۇقەررەر ھالدا قاياققىلا ماڭسا تامغا ئۈسۈۋېلىپ، مەغلۇپ بولۇشتەك ئاقىۋەتكە قالىدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.