تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ھەققانىيەت ئۈچۈن قان ئاققۇزۇپ، سەمىمىي قەلبى بىلەن ساداقەتمەنلىكنى پۈتتى

چېن پىڭ:

​ھەققانىيەت ئۈچۈن قان ئاققۇزۇپ، سەمىمىي قەلبى بىلەن ساداقەتمەنلىكنى پۈتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

2001 - يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئەينى چاغدىكى كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى چېن پىڭ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قورشاپ تۇتۇش جېڭىدە بەختكە قارشى زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار ئاتقان ئوق قورسىقىغا تېگىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 47 ياشتا ئىدى.

چېن پىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولغان تۇنجى ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى. 2001 - يىلى 12 - ئايدا، ئۇنىڭغا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ باھالاندى.

ھاياتى بەدىلىگە بىر جاينىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش

بۇ بىرقانچە كۈندە، كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش چوڭ ئەترىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يولداش چېن پىڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى ھەم چېن پىڭنىڭ سەپدىشى − كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نىياز قادىرنى ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەترىتى ئەزالىرىغا قەھرىماننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

«بىز ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز، چېن پىڭنىڭ ھاياتى بەدىلىگە خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇشنى شەرھلىگەنلىكىدەك جاراڭلىق قەسىمىدىن، ھاياتى بەدىلىگە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىقىدىن، بىر جاينىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىغانلىقىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك» دېدى نىياز قادىر.

نىياز قادىرنىڭ بايانىدىن ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پېشقەدەم ئىدارە باشلىقى چېن پىڭنىڭ ۋۇجۇدىدىكى چەكسىز ساداقەتمەنلىك، قەيسەرانە جاسارەت، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ساقچى خىسلىتىنى كۆردى.

2001 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كۇچا ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ قېچىپ يۈرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەت گۇماندارىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر كەنتكە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.

ئەتىسى سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چېن پىڭ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ جىنايەت گۇماندارى يوشۇرۇنغان تۇرالغۇغا ئۇدۇل ئاتلاندى. ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېن پىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىماي، ئوق ئۆتمەس كىيىمىنى باشقا خەلق ساقچىسىغا ئۆتۈنۈپ بەردى.

ئاختۇرۇپ تۇتۇشقا قاتناشقان خەلق ساقچىلىرى زوراۋان ئۇنسۇر يوشۇرۇنغان تۇرالغۇ قورۇسىغا كىرگەندە، زوراۋان ئۇنسۇر تۇيۇقسىز ئۆزى ياسىۋالغان قول بومبىسىنى ئاتتى. خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە، چېن پىڭ بىر تەرەپتىن، سەپداشلىرىنىڭ ھويلىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى ھىمايە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قورال تۇتۇپ ئىشىك ئالدىدا ساقلىدى. دەل شۇ چاغدا، بىر جىنايەتلىك ئوق چېن پىڭنىڭ قورسىقىغا تەگدى...

يارىسى ئېغىر بولغاچقا، چېن پىڭ 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 8لەردە قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى شەرھلەش

2001 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، يولداش چېن پىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئاساسىي مەيدانىدا، قەھرىمانغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرۈۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا، چېن پىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سەپداشلىرى، يىراقتىن كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىمۇ بار ئىدى.

«تەشكىلنىڭ مېنى كۇچاغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ماڭا ئىشەنگەنلىكى ۋە مېنى سىنىغانلىقى، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر ۋە زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم...» چېن پىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سەپدىشى ئۇنىڭ ئەمدىلا كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.

چېن پىڭنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ساقچى بولغان 30 نەچچە يىلدا، ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ھەمىشە جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

1998 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈنگە ئۇچراپ، دۆلەت يولى 314 - لىنىيەسىدە قاتناش توسۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى، لىنىيە بويىدىكى 100گە يېقىن ئىدارە - ئورۇن، نەچچە ئونمىڭ ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىدى. شۇ چاغدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كۆپ قىسىم رەھبەرلىرى سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىدارە باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى چېن پىڭ دەرھال زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماق ئەترىتىگە خەتەردىن قۇتقۇزۇش زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەشنى ئۇقتۇردى ھەم ئەترەتنى باشلاپ ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان جايغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى.

2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پەۋقۇلئاددە زور قۇم - بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، كۇچا ناھىيە بازىرىدىكى بوران كۈچى سەككىز بالدىن ئاشتى. بىر مەھەل قاتتىق بوران چىقىپ، چاڭ - توزان كۈن نۇرىنى توسۇۋالدى، بەزى دەل - دەرەخ ۋە توك سىم خادىلىرى ئوتتۇرىدىن سۇنۇپ كەتتى. يېزىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېتىۋاتقان چېن پىڭ دەرھال ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشقا ئاتلاندى، ئەتىسى سائەت 10لاردا بوران سەل پەسەيدى.

ئۇزاق ۋاقىت قۇم - بوراندا چاڭ - توزاننى سۈمۈرۈۋالغاچقا، چېن پىڭ ئۇدا بىر ئاي قىزىپ، يۆتەلدى. كېيىن ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، «ئارىلىق خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى» دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەش

قەھرىمان نەمۇنىچىلار روھى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى. نۇرغۇن خەلق ساقچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: چېن پىڭنىڭ دادىللىق بىلەن قانۇنغا خىلاپ بارلىق جىنايى قىلمىش بىلەن كۈرەش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتىنى ساقلىشى جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى.

چېن پىڭنىڭ دادىسى چېن يوۋچېڭ پېشقەدەم ئىنقىلابچى بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ تاكى 1986 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر شايار ناھىيەسىدىكى تارىم تۈرمىسىدە خىزمەت قىلغان، چېن پىڭنىڭ ئوغلىمۇ ساقچى. چېن يوۋچېڭ دائىم پەرزەنتلىرىگە مۇنداق تاپىلايتتى: ساقچى بولۇش جاپا چېكىش، ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە قۇربان بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا، بۇ ساقچى فورمىسىغا يۈز كېلەلىشىڭلار كېرەك.

چېن پىڭ دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمىدى.

چېن پىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرىدا ئىشلىگەن، ئۇ مۇلازىمەت كۆزنىكىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى، مۇلازىمەت سۈپىتى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك، چوقۇم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشقىلارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دەپ قارايتتى. چېن پىڭ ئومۇمەن ئاساسىي قاتلامدىن يوللانغان ماتېرىياللارنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى تېزدىن بېجىرىش، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق يېزىپ ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ خىل خىزمەت ئىستىلى ئاممىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشكەنىدى.

«يولداش چېن پىڭ ئۆزىنىڭ ياش ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت قەھرىمانلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتتى. ئۇ شىنجاڭدىكى دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشتا بارلىققا كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرىپى، كادىرلارنىڭ ئۈلگىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى، خەلقنىڭ قەھرىمانى...» بۇ چېن پىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدىكى تەزىيە سۆزىدە ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھا. چېن پىڭ گەرچە بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە ئابىدە تىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.