تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇلازىمەت سودىسىدىكى «دوستلار چەمبىرىكى» بارغانسېرى چوڭايدى

​− «شىنجاڭ باش تېما كۈنى» تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 10دا، بېيجىڭ شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەت يىغىن مەركىزىنىڭ شىنجاڭ سارىيىدا شادىيانە ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭلىق قىز - يىگىتلەر قىزغىن، شوخ مىللىيچە ئۇسسۇل ئويناپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئۇسسۇل تۈگىشى بىلەن، شىنجاڭ سودا ئۆمىكىنىڭ خىزمەتچىلىرى دەستە - دەستە ئەتىرگۈل شەكلىدىكى «كىچىك پاختاگۈل»لەرنى تاماشىبىنلارغا سۇندى.

شېنياڭ ۋۇكې جېنجۇ تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت دىرېكتورى گاۋ تىڭتىڭ «كىچىك پاختاگۈل» سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ئىنتايىن تەلپۈنىدىغانلىقىنى، پۇرسەت بولسا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى، شۇنداقلا شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ كۈنى، 2021 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىدە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى «شىنجاڭ باش تېما كۈنى» تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ لوتوجيا ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ۋېيمەن شىڭگۇ سانائەت لايىھەلەش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئالتە مۇلازىمەت سودا كارخانىسى پائالىيەت نەق مەيدانىدا تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت سودا كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە نۇقتىلىق تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسىدىكى «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز چوڭايدى.

ئۈرۈمچى ۋېيمەن شىڭگۇ سانائەت لايىھەلەش چەكلىك شىركىتى ئۆي جاھازلىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ خىل بەلگە خاراكتېرلىك مەھسۇلات لايىھەسىنى ياراتتى ھەم ئون نەچچە تۈرلۈك دۇنيا دەرىجىلىك لايىھەلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، لايىھە ئەسەرلىرى پۈتۈن يەر شارىدىكى نۇرغۇن مۇزېيدا ساقلانماقتا. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۇ شىركەتنىڭ كەسپى پۈتۈن يەر شارىغا تارقالدى، كارخانا خېرىدارلارنى لايىھەلەشتىن پىششىقلاشقىچە، تاكى مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە ئىستېرېئولاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۈرۈمچى ۋېيمەن شىڭگۇ سانائەت لايىھەلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شى شياۋشى مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى سۇپىسى ئارقىلىق يېڭى ھەمكارلىق ھەمراھى ئىزدەپ، تېخىمۇ چوڭ خەلقئارا بازار ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇڭفاڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇھى دۇڭفاڭ پار ماشىنىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي ئېنژېنېرى شيۇڭ يۈەنجيەن ئالايىتەن شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇردى، كېڭەشتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ئىنتايىن ياخشى، بولۇپمۇ شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە بايلىقى مول، پاكىز ئېنېرگىيە جەھەتتە شىنجاڭ كارخانىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىدە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى مۇلازىمەت سودىسى، خاس باغ - ئورمانچىلىق، يۇقىرى - يېڭى تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، نېفىت - گاز چارلاش قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلدى ۋە تونۇشتۇردى، شۇ كۈندىكى پائالىيەت نۇرغۇن سودىگەرنى كېلىپ كېڭىشىپ ھەمكارلىشىشقا جەلپ قىلدى.

شىنجاڭ لوتوجيا ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى ما لىڭلىڭ خېرىدارلارغا مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش، سېتىش ھەمكارلىقى ئۈستىدە كېڭىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «نەق مەيداندىكى نۇرغۇن مېھمان سودىگەرنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى ئىنتايىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، نەق مەيداندىلا زاكاز بېرىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بۇ بىر ئىنتايىن ياخشى سۇپا بولۇپ، بىزنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىشىمىزغا ناھايىتى زور ياردەم بەردى» دېدى ما لىڭلىڭ.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىمۇ ياپونىيەدىكى بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.