تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«مەڭگۈ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىردىشى بولىمەن»

لى يۈەنمىن:​

«مەڭگۈ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىردىشى بولىمەن»

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

كەنتتە بىر باقمىچىلىق رايونى قۇرۇش غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىيايۈزى بازىرى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى يۈەنمىننىڭ بۇ يىلقى يېڭى پىلانى.

«كەنتتە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن 80 - 70ى بار، مەخسۇس بىر جاينى پىلانلاپ، ئۇلارنى مەركەزلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقى تومپىيىشى، كەنتنىڭ مۇھىتىمۇ گۈزەللىشىشى كېرەك» دېدى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن لى يۈەنمىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن لى يۈەنمىن بىر ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگىشىپ شەندۇڭدىن گەمە كەنتىگە كېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تامىقىنى يەپ چوڭ بولغان. كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇشتىن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكىچە، لى يۈەنمىن توغراققا ئوخشاش گەمە كەنتىدە يىلتىز تارتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئورتاق كۈرەش قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىدى.

لى يۈەنمىن كىچىكىدىنلا قىزغىن، قولى ئوچۇق بولغاچقا، ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن دوست تۇتتى، يەنە بىرنەچچە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگىنىۋالدى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدۇ. ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى، قوشنىسى لى يۈەنمىنگە «جەمىلە» دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى، بۇ «گۈزەل» دېگەن مەنىدە ئىدى. «گەرچە بىز سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن كەنت ئاھالىلىرى بىزگە ئىزچىل ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. مەن كۆپچىلىكنىڭ مېنى <جەمىلە> دەپ ئاتىشىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، بۇ ماڭا ناھايىتى يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ» دېدى لى يۈەنمىن.

2010 - يىلى، خۇدىيايۈزى بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ئىلگىرى كەنتتە يەتتە يىل كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان لى يۈەنمىننى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا باشلاشتەك ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

«ئەينى چاغدا كەنت <پۇچەك كەنت>كە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ناھىيەدىكى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىلىدىغان نۇقتىلىق كەنت ئىدى» دېدى لى يۈەنمىن.

بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، ئەينى چاغدا لى يۈەنمىن كەنتتىكى بېيىش ماھىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئائىلىسىدە 30 نەچچە كالا بېقىپ، يەنە خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىلىغا 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلاتتى.

«كەنت نامرات، ئارقىدا قالغانىدى، مەن بىر ئادەم بېيىسام بېيىغان ھېسابلانمايمىز، كۆپچىلىك بېيىسا ئاندىن بېيىغان ھېسابلىنىمىز.» لى يۈەنمىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ كەنتنى ياخشى گۈللەندۈرۈپ، كۆپچىلىككە ئازراق بولسىمۇ ئەمەلىي پايدا يەتكۈزگۈم بار».

ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى. بىر قېتىم نۆۋەتچىلىك ئىش ئورنىنى تەكشۈرگەندە، لى يۈەنمىن بىر مەسئۇل كەنت كادىرى بىلەن بىرنەچچە نۆۋەتچى خادىمنىڭ قارتا ئويناۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە بەزى كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ ئىشىنى بېجىرىپ بېرىش جەريانىدا ھەق تەلەپ قىلغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كادىرلار قوشۇنىنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدى. لى يۈەنمىن كەنتتە «يۇقىرى ساپالىقلارنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» چاپلاپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىدا «چوڭ قان ئالماشتۇرۇش» ئېلىپ بېرىپ، كەنتكە يەتتە كەنت كادىرىنى تولۇق سەپلەپ، كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتتى. ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن كەنت كادىرلىرى ئارىسىدا، بەزىلىرى تېخى لى يۈەنمىننىڭ تۇغقانلىرى ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، لى يۈەنمىن يەنە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان 28 كەنت ئاھالىسىنى ئېنىقلاپ چېكىندۈردى ھەم تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە 28 تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاھالىسىنى قايتىدىن بېكىتتى؛ كەنتتىكى ھۆددىگە بېرىلگەن تۆت قۇم مەيدانى ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 600 مىڭ يۈەن ئاشۇردى... ھەربىر ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش لى يۈەنمىننى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈردى.

گەمە كەنتى بىر دېھقانچىلىق كەنتى، پۈتۈن كەنتتە 877 ئائىلىلىك 3874 كىشى بار بولۇپ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.8 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلەتتى. ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى چەكلەپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، لى يۈەنمىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات تېرىش، كالا، قوي بېقىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر كەنتتە تاۋۇز، سامساق، ياغلىق ئاپتاپپەرەس قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1700 مودىن كۆپ بولۇپ، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن 80 - 70ى بار.

گەمە كەنتىنىڭ غۇلجا ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى توققۇز كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، غۇلجا ناھىيەسىدىكى يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى پەقەت ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. لى يۈەنمىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپتى. 2019 - يىلى، لى يۈەنمىن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى باشلاپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق بىر كارخانىنى كىرگۈزۈپ، كەنتتە يېزا ئىگىلىك سودا بازىرى قۇرۇپ، ئون دۇكان سېلىپ، 180 يايما ئورنى تەسىس قىلىپ، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2020 - يىلى، گەمە كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ 400 يۈەنگە يەتتى.

بۈگۈنكى كۈندىكى گەمە كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىغا گۈل تېرىپ، ھويلىسىغا كۆكتات تېرىدى، تۇرۇبا سۈيى، كەڭ بەلباغ تورى ئائىلىلەرگە كىرىپ، لىنىيە ئاپتوموبىللىرى ناھىيە بازىرىغا بىۋاسىتە قاتناپ، ناھىيەدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كەنت» «كەنت ئىستىلى مەدەنىيلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى»گە ئايلاندى.

لى يۈەنمىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، مەملىكەت بويىچە ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىسى، مەملىكەت بويىچە «8 - مارت» قىزىل بايراقدارى ئۈلگىسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. «مەن مەڭگۈ گەمە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىردىشى بولۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كەنتنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرىمەن» دېدى لى يۈەنمىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.