تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، كۈندە كىرىمى بار بولدى

بەختلىك تۇرمۇش ئەمگەكچان ئىككى قولغا تايىنىپ يارىتىلدى، جايتېرەك كەنتىدە −

​ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، كۈندە كىرىمى بار بولدى

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جايتېرەك كەنتىدىكى دوستلۇق ئائىلىسى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ خىزمەتچىسى مېھمانلارغا قورۇما توشۇماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازاد يۈسۈپجان فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

تەرتىپلىك پىلانلانغان ئەمىن ئۆيلەر، كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلغان، ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ياسالغان قاتتىقلاشتۇرۇلغان يوللار، داۋالاش ئۆيى، يەسلى، مەدەنىيەت ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق... بۈگۈنكى كۈندىكى جايتېرەك كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتى گۈزەللىشىپلا قالماي، يەنە كۆڭلىگە ئارزۇلارنى پۈككەن ھەربىر كەنت ئاھالىسى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بەختلىك تۇرمۇشنى ياراتماقتا.

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 11لەردە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ زەرەپشان كوچا باشقارمىسى جايتېرەك كەنتىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش كوچىسىدا ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، سودىگەرلەر ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

«مېيلىمېن تىككۈچىلىك دۇكىنى»نىڭ ئىگىسى رابىخان ئابلىز چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان ھالدا ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خېرىدارلارنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى. «ھازىرقى كۈنلىرىمىز ھەقىقەتەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.» 49 ياشلىق رابىخان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېرىم بىلەن ئوغلۇم يېقىن ئەتراپتا رەخت دۇكىنى ئاچىدۇ، سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى».

«ئائىلىمىزدىكى ئۈچ جان ئىلگىرى پەقەت نەچچە مو يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. ئىلگىرى دائىم قازان بېشىدىن كېتەلمەيتتىم، ھازىر ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتىم بار بولدى.» كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان دۇكان خادىمى رەيھانگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە ئىشلەپ ھەر ئايدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 2000 يۈەن تاپىمەن. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى».

بىر ئادەم بېيىسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك بېيىسا ئاندىن بېيىغان ھېسابلىنىدۇ. داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان خېرىدارلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، رابىخان كەنتتىكى خىزمىتى يوق ئائىلە ئاياللىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، دۇكاندىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسى دەسلەپكى بەشتىن ھازىرقى 25كە كۆپەيدى، خادىملارمۇ دەسلەپكى بەش كىشىدىن 17 كىشىگە كۆپەيدى.

مېيلىمېن تىككۈچىلىك دۇكىنىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تەبەسسۇم ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى بار. مېھمان كەلگەنلىكىنى كۆرگەن دۇكان ئىگىسى ھەبىبەم مۇسا كۈلۈمسىرىگىنىچە كۈتۈۋالدى.

ھەبىبەم ھەممە قىزلارغا ئوخشاشلا گۈزەللىككە تۇغما ئامراق ئىدى، ئۇ بۇ بىرقانچە يىلدا كەنتتىكى بارا - بارا بېيىۋاتقان ئاچا - سىڭىللارنىڭ شەھەرگە كىرىپ گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشنى ياكى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىغا بېرىپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىش ئويىغا كەلدى.

ھەبىبەم ئىلگىرى ناھىيە بازىرىدىكى بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىدا ئىشلىگەن بولۇپ، بىر يۈرۈش ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنىدى. بۇ يىل 7 - ئايدا، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، ھەبىبەمنىڭ تەبەسسۇم ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى تېجارەت باشلىدى.

«يېزا ئاياللىرىمۇ مودا بولۇشى كېرەك، مەن ئاچا - سىڭىللارنى چىرايلىق ياساپ قويىمەن!» ھەبىبەمنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە، يېزىدىكى ئاياللارمۇ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا كۆزى قىيىدىغان بوپتۇ، ئۇ دۇكىنىنىڭ سودىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

چىڭقى چۈشتە، ئىشقا ئورۇنلىشىش كوچىسىدىكى دوستلۇق ئائىلىسى دېھقانلار ئارامگاھىمۇ مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كالتە يەڭ مايكا كىيگەن مۇلازىمەتچىلەر ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا موكىدەك ئۆتىشىپ مېھمانلارغا چاي قۇيۇپ، تاماق توشۇۋاتاتتى، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئىگىسى تۇرغۇن ئوسمان كۈلۈمسىرىگىنىچە مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى.

«كۈندە مۇشۇنداق قىزىپ كېتىدۇ، كۆڭلىمىز خۇشال.» مېھمانلارنى كۈتۈش ئارىلىقىدا، 33 ياشلىق تۇرغۇن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سودىنىڭ بۇنچە ياخشى بولۇشى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ».

2018 - يىلى، تۇرغۇننىڭ دوستلۇق ئائىلىسى دېھقانلار ئارامگاھى تىجارەت باشلىدى، لېكىن تۈزۈك مېھمان كەلمىدى. كەنت كادىرلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا شاڭخەيگە بېرىپ كۇرسقا قاتنىشىپ تەربىيەلىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.

«شۇ قېتىمقى ئۆگىنىشتە نۇرغۇن نەرسىنى بىلىۋالدىم، مەن ئىلغار ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدىم، پىكىر يوللىرىممۇ كېڭەيدى. ھازىر ئائىلىمىزنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىر يىلدا 100 نەچچە مىڭ يۈەن تاپالايمىز». تۇرغۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇرمۇشۇم ياخشىلاندى، مەن يۇرتداشلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمەن، ھازىر كەنت ئاھالىسىدىن 18ى دۇكاندا ئىشلەۋاتىدۇ».

بۈگۈنكى كۈندە، جايتېرەك كەنتى «كەسىپ + ئىگىلىك تىكلەش + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىگە قىلىدىغان ئىش تېپىپ بەردى، پۈتۈن كەنتتىكى 1800دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئىشىك ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. كەنتتە تۈرلۈك دۇكاندىن 220سى بولۇپ، سودىگەرلەر كۈندە كىرىم قىلالايدۇ، بۇلتۇر ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.