تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

​مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىنى تۇرمۇشتىكى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈردى

تارباغاتاي ۋىلايىتى:​

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىنى تۇرمۇشتىكى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈردى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى» سالىقجان ئىمىن ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىمدە، «گۈزەل تارباغاتاي مېنىڭ ئائىلەم» دېگەن ناخشا ياڭراۋاتقانىدى. «خۇددى مۇشۇ ناخشا تېكىستىدە ئېيتىلغانغا ئوخشاش، يۇرتۇمدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى سالىقجان.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇنبەت تۇپرىقى» دەپ ئاتالغان تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 29 مىللەت بىر شەھەردە بىرلىكتە ئولتۇراقلىشىپ، بىر ئۈستەلدە بىللە تاماق يەپ، بىر ئائىلىنى ئورتاق قۇرۇپ، بىر دۆلەتنى ئورتاق سۆيۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى بارغانسېرى رەڭدار ئېچىلماقتا.

ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەندى

تارباغاتاي قىزىل بىنا مۇزېيىغا كىرگىنىڭىزدە، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە كۆرگەزمە بۇيۇمى تارباغاتاي تارىخىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى جىمجىت سۆزلەپ بېرىدۇ.

«ھەربىر قېتىم ئېكسكۇرسىيەگە كەلسىڭىز، روھىڭىز بىر قېتىم تاۋلىنىدۇ. مەن بالامنى ئېلىپ تارباغاتايدىكى بارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوغلىنى ئېلىپ تارباغاتاي قىزىل بىنا مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى دىلارە نۇرمەمەت.

ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى، تارباغاتاي قىزىل بىنا مۇزېيى، داغۇر مىللىي ئۆرپ - ئادەت باغچىسى، شىبە مىللىتى مۇزېيى... تارباغاتاي خاسلىقىغا ئىگە بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىلىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارىخنى چۈشىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىدىكى مۇھىم سۇپا.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جارقىن جامبۇرباي مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋاسىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، شەكىلنى بېيىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ھېكايىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

ھازىرغا قەدەر، تارباغاتاي ۋىلايىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 163نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسىدىن 18نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدىن 30نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەختلىك ماكانىدىن 27نى بەرپا قىلدى؛ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە(شەھەر)دىن ئۈچنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇندىن ئىككىنى، ۋىلايەت دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇندىن 2288نى قۇرۇپ چىقتى.

نەمۇنە يېتەكچىلىك قىلدى، قېرىنداشلىق مېھرىگە ۋارىسلىق قىلىندى

«ئەتراپىمىزدا ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئىتتىپاقلىق ھېكايىسى بار، بۇ ھېكايىلەردە مىللەتلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى بايان قىلىنغان» دېدى دۆربىلجىن ناھىيەسى دۆربىلجىن بازىرى چياۋدۇڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما شىنخۇا.

57 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت چېگرا ئاھالىلىرى بىلەن چىن دىلىدىن ئىتتىپاقلىشىپ، چېگرانى ئورتاق مۇھاپىزەت قىلغان بىڭتۇەن ئىشچى - خىزمەتچىسى ۋېي دېيوۋ ئەر - خوتۇن، 12 يىل بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقارغان سالىقجان ئىمىن، 43 يىل دوختۇرغا خاس مېھرىبانلىق بىلەن چارۋىچىلىق رايونىدا ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەتنى پۈتكەن دوختۇر ئوخاس سۇلايمان... ھەربىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرمەكتە.

«بىزنىڭ ھازىر تۇرىدىغان ئۆيلىرىمىز ياخشى، قورسىقىمىز توق، كىيىمىمىز پۈتۈن، كېسەل كۆرسىتىشتىن غەم قىلمايمىز، مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئەندىشە قىلمايمىز، بىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك» دېدى سالىقجان يېقىنقى مەزگىلدىكى بىر مەيدان لېكسىيەسىدە.

ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى ما ليەنخۇانىڭ ئائىلىسى خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، رۇس مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، تاتار مىللىتى ۋە داغۇر مىللىتىدىن ئىبارەت يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان. «بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىز ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى» دېدى ما ليەنخۇا.

جارقىن مۇنداق دېدى: تارباغاتايدا ۋېي دېيوۋ، سالىقجان، ئۇخاس، ما ليەنخۇاغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە كوللېكتىپتىن 59ى، نەمۇنىلىك شەخستىن 111 ئادەم(قېتىم) بار، بۇ نەمۇنە كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

ساۋەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ھەربىر خىزمەت ئۈستىلىگە نەپىس سۈرەت رامكىسىغا ئېلىنغان ئائىلە ئوپچە سۈرىتى قويۇلغان. سۈرەت جەمئىي 387 پارچە بولۇپ، ھەربىر پارچە سۈرەتتە دوختۇرخانىدىكى دوختۇر - سېسترالارنىڭ ھەر مىللەت قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بەختلىك دەقىقىلىرى خاتىرىلەنگەن.

شىخو شەھىرىنىڭ جۇجەنلۇ يېزىسىدىكى بىر كىچىك بۆشۈك «گۆھەر» دەپ قارىلىپ قوشنىلار ئارا 40 نەچچە يىل ئارىيەتكە بېرىلگەن، 30 كىشى بۇ بۆشۈكنى ئىشلىتىپ باققان، ئۇلار خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىچىككىنە بۆشۈك قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا.

ھازىر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تارباغاتاي خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كەتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتتى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا سىڭىشىدىغان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلىدىغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تەسىرلىك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.