تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق يەر شارى بويىچە مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشكە كاشىلا قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك

پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى

مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق يەر شارى بويىچە مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشكە كاشىلا قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك

□پەن - تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىن

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈش مۇھىم مەزمۇنى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

مۇتەخەسسىسلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىلمىي مەسىلە، كەسكىن بىر ئىلمىي مەسىلىنى ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇش ئىلىم - پەن روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى كەمچىل، ئىشەنچلىك دەرىجىسىمۇ يوق، قايىل قىلىش كۈچى تامامەن يوق. بۇ بىر سىياسىي دوكلات بولۇپ، مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش كاتېگورىيەسىگە تەۋە ئەمەس، يەر شارى بويىچە مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش مۇساپىسىگە ئېغىر كاشىلا يەتكۈزدى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى ئالىملار تاماملىشى، ئىلمىي پوزىتسىيە، ئىلمىي ئۇسۇل، ئىلمىي پاكىت ئارقىلىق ئوبيېكتىپ، ئېھتىياتچان بولغان مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالىملارنىڭ مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى باشتىن - ئاخىر پائال قوللاپ، ھايۋاناتلاردىن مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش، كىشىلەر توپىدىن مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش، مولېكۇلادىن مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش، مۇھىتتىن مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق يۆنىلىشلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتىنى بىرلىشىپ ئېلىپ بېرىشىنى تەپسىلىي، ئېنىق ھەم ئوبيېكتىپ بولغان زور مىقداردىكى ئىلمىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يەنە ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى بىلەن ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇردى، 8 - ئايغا قەدەر، جۇڭگو ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كوللېكتىپلار بىلەن بىرلىكتە مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار 241 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىقات كوللېكتىپلىرى 395 پارچە تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلدى.

يەر شارىۋى ھەمكارلىق تەتقىقاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىپ ئۇچى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، تونۇش يەنىمۇ ئايدىڭلاشتى، بارغانسېرى كۆپ ئىلمىي بايقاش ۋە تەتقىقات نەتىجىسى بىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا تېخىمۇ كەڭ تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ۋىرۇسنىڭ ھايۋاناتتىكى مەنبەسىنى ۋە ئىنسانلارغا تارقىلىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئوخشاش تۈردىكى يۇقۇمنىڭ قايتا يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلماقتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى باھانە قىلىپ سىياسىي ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى پۈتۈن يەر شارىغا خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش مۇساپىسىگە ئېغىر كاشىلا يەتكۈزۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزدى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلدى: مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلىم - پەن يولىدا قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم - پەن روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ئىدراكىي بولۇشنى ساقلاپ، سىياسىي كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو − دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتى ئاساسىدا مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىلمىي بايقاشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھايۋاناتتىن تارقىلىش مەنبەسى، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇشتىن تارقىلىش قاتارلىق يۆنىلىشلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پۈتۈن يەر شارىدىكى كۆپ دۆلەت، كۆپ جايدا مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايقالغان دەسلەپكى يىپ ئۇچى ۋە ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن ئىبارەت بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

(8 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى «پەن - تېخنىكا گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.