تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئىتتىرىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتقانلىق

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى −

ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئىتتىرىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتقانلىق

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئاتالمىش مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشىدىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈندۇر. بۇنداق قارا چاپلانغان دوكلات، سىياسىي دوكلاتتا تەبىئىيلا ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ھەرقانداق ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ زادى تەبىئەتتىن كەلگەنلىكى ياكى تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن چىقىرىلىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس، قىسمەن سەۋەبى جۇڭگودىن كەلگەن تەپسىلىي ئۇچۇرلار كەمچىل، دەپ بىلدۈرگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئاتالمىش مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتىكى مەقسىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، پاكىتىنى تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دوكلات پاكىت ۋە ئىلمىي ئۇسۇلنى ئاساس قىلغان ئىلمىي دوكلات بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشىدىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئىتتىرىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ئۈچۈندۇر. «بۇنداق قارا چاپلانغان دوكلات، سىياسىي دوكلاتتا تەبىئىيلا ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ھەرقانداق ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ پەقەت خەلقئارانىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ».

«ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگودىن كەلگەن ئۇچۇرلار كەمچىل، دەپ جار سالدى، مەن ئامېرىكا تەرەپكە شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاخبارات دوكلاتىدىكى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن باھانە تېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.» ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا نوپۇزلۇق، قىممىتى بار ئۇچۇرلار تولۇق. ئامېرىكا يەر شارى بويىچە يۇقۇمدا يۇقۇملانغانلار ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت، شۇنداقلا سىرتقا ۋىرۇس تارقىتىشى ئەڭ ئېغىر دۆلەت. ئامېرىكىدا يۇقۇم يۈزبېرىش ۋاقىت سىزىقى ئۈزلۈكسىز ئالدىغا سۈرۈلمەكتە، دېترىكبۇرگ ۋە شىمالىي كارولىنا داشۆسى بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن باغلىنىشىدا گۇمانلىق نۇقتىلار كۆپ. خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا تەرەپتىن بۇ ھەقتە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇپ، تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تەرەپ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ جاۋاب بەرمەي، قاتتىق سىر ساقلىدى، يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز توسالغۇ پەيدا قىلدى. بۇ پەقەت ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى قانداقتۇر ۋىرۇس مەنبەسىنى تېپىش ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىپ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

(خەلق گېزىتى مۇخبىرى لى شىنيى)

(8 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.