تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قان ئىشلەش شەكلى»دە ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىدى

گۇاڭدۇڭ:

«قان ئىشلەش شەكلى»دە ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

يەكەن دەرياسى بويىدىكى شىنجاڭ دۇڭچۈنشىڭ گۇرۇھىغا قاراشلىق شىنجاڭ دۇڭچۈنشىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، خىزمەتچى شېرىنگۈل مەمەت ماشىنىلار ئارىسىدا چارلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى.

«ئايلىق مائاشىم 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئېرىم يېقىن ئەتراپتا ساتىراشخانا ئاچتى، ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇق.» شېرىنگۈل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى، ئائىلىمىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى».

شىنجاڭ دۇڭچۈنشىڭ گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىچىدە شېرىنگۈلگە ئوخشاش كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدىن كەلگەن 1000دەك كىشى بار.

«پەقەت تىرىشىپ ئىشلەيدىغانلا بولساق، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز.» شىنجاڭ دۇڭچۈنشىڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لىڭ لى مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە گۇرۇھىمىز 4200 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇلارنىڭ %70تىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلەر».

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، «كەڭ كۆلەمدە سودىگەر چاقىرىش، چوڭ سودىگەر چاقىرىش» ۋە سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىش، سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بەردى.

«2020 - يىلىدىن بۇيان، بىز جەمئىي 159 مۇھىم، زور كەسىپ تۈرىنى يېڭىدىن كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي مەبلەغ سېلىش سوممىسىنى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشۇردۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىدىن 23 مىڭ 832نى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق» دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تۈر پىلانى ۋە كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ زەيزېڭ.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن يېڭى بىر تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتتى.

گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە گۇاڭجوۋ، فوشەن، دۇڭگۈەندىكى ئۈچ سودىگەر چاقىرىش خىزمەت پونكىتىنى سۇپا قىلىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ بازار مەبلىغى ئەۋزەللىكى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ئەۋزەللىكىنى ئورگانىك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، رايون كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاشنى چۆرىدەپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بولغان جىڭدۇڭ گۇرۇھى، بەيگويۈەن قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ خاس كەسىپ قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، جىڭدۇڭ گۇرۇھى، بەيگويۈەن گۇرۇھى پەيزاۋات ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شىنمېي كۆپ چىقىدىغان يېڭىمەھەللە يېزىسىنى يادرو قىلغان شىنمېي كىچىك بازىرىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. «600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان، 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان مەملىكەت بويىچە شىنمېي كەسپىدە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدۇق.» ليۇ زەيزېڭ مۇنداق دېدى: ئىككى چوڭ گۇرۇھ پەيزاۋات ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ يېرىم ئاي بولمايلا، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش كەسپى ۋە مېۋە - چېۋە پارچە سېتىش كەسپىدىن ھەرقايسىسىدىن بولۇپ بەش - ئالتە كارخانا ئۆمەك ئەۋەتىپ قەشقەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھازىرقى كەسىپ ئاساسى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇپ، تيەنجىن تەيدا گۇرۇھىنى كىرگۈزۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؛ گۇاڭجوۋ شەھىرى شېڭيۇڭ يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، گۇاڭدۇڭ يوپۇرماقلىق كۆكتات تېرىقچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە ئۆلچەملەشكەن جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىش بازىسىغا مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈپ، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرىنى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى خاس بازار قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

«قىممىتى يۇقىرى يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىقچىلىقىنى كىرگۈزۈش ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» ليۇ زەيزېڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۆرنەك ئەندىزە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، «كەڭ كۆلەمدە سودىگەر چاقىرىش، چوڭ سودىگەر چاقىرىش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «بىر، ئون، يۈز، مىڭ، ئونمىڭ» قۇرۇلۇشىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە «مىڭ» «ئونمىڭ» قۇرۇلۇشى 1000 ئاز سانلىق مىللەت تېخنىكا ئىختىساسلىقىنى تەربىيەلەش، 10 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا دۆلەت ئورتاق تىلىنى راۋان ئىشلىتىشنى ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق ئامىلى − سانائەت ئىشچىلىرىنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شۇ جايدىكى ياشلارنىڭ ئۇلۇغۋار «ئىرادە»، قۇدرەتلىك «ئەقىل» بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى «نامراتلىق يىلتىزى»نى قومۇرۇپ تاشلىشىدىكى ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختىلىدى.

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «ھەقىقىي ھېسسىيات، زور مەبلەغ»كە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، «ياخشى نەزەر»گە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىساد چوڭ ئۆلكىسى، كەسىپ چوڭ ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋامىدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ يادرونى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەم يەرلىكنىڭ خاس ئەۋزەللىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەم يەرلىكتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىغان كەسىپلەرنى كۈچەپ تاللىدى.

«كەڭ كۆلەمدە سودىگەر چاقىرىش، چوڭ سودىگەر چاقىرىش» ۋە سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىش، سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن بىر تۈركۈم كارخانىلار، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرى، چوڭ تىپتىكى ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش كارخانىلىرى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارغا ماكانلاشتى، «خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش» ئىستراتېگىيەسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردا چېچەكلەپ مېۋە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.