تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلاردىن بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلاردىن بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مەكتەپ مۇدىرى(شۆيۈەن مۇدىرى) جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. غايە - ئېتىقاد، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچ، پىرىنسىپ - پەزىلەت، ئۆزىنى تەربىيەلەش، تەلەپچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت «ئالتە دەرس»نى ياخشى ئۆتۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتىكى سىياسىي روھ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىكى پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئاساسى، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى ئاساس، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشتىكى قابىلىيەت مۇھىم ئامىلى، ئۆزىنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشتىكى ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، دادىل كۈرەش قىلىش، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلاردىن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.