تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈنۈمسىز يەردە «ئۆرۈك» ئۆستۈرۈپ بەخت يولىنى ئاچىمەن

چېن جۈنيې:

ئۈنۈمسىز يەردە «ئۆرۈك» ئۆستۈرۈپ بەخت يولىنى ئاچىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 - شى 4 - تۇەن 3 - ليەنگە كەلسىڭىز مېۋىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغان قالتىس مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ: ئۆرۈكلۈك باغدا، شېخىدا قۇرۇيدىغان ساپسېرىق ئۆرۈكلەر شاخ - شاخلارغا تولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۆرۈك ئۈزىدىغان، ئۆرۈك توشۇيدىغان كىشىلەر ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ يولدا يۈك ئاپتوموبىللىرى ئالدىراش مېڭىپ، شېخىدا قۇرۇغان ئۆرۈكلەرنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇۋاتاتتى... «ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قەلبىم ھەسەلدىنمۇ تاتلىق شېرىن تۇيغۇغا چۆمدى، قانچە كۆپ بەدەل تۆلىسەممۇ ئەرزىيدۇ» دېدى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3 - ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن جۈنيې ھاياجانلانغان ھالدا.

3 - ليەن چۆللۈكنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، لېكىن يەرلەر ئۈنۈمسىز، قۇم - بوران بىرقەدەر كۈچلۈك، ئۈششۈك ئاپىتى ئېغىر بولغاچقا، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مەھسۇلاتى تۆۋەن، كىرىم ئاز ئىدى. 2016 - يىلىدىن بۇرۇن، بۇ جايدا 24 نامرات ئائىلىلىك 73 كىشى بار بولۇپ، ئىلگىرى بىڭتۇەن 1 - شىدىكى ئېغىر نامرات ليەندۈي ئىدى.

2016 - يىلى، 37 ياشلىق چېن جۈنيې 3 - ليەنگە يۆتكىلىپ، ليەنجاڭلىق، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. «بوران قۇلاق تۈۋىمدىن ۋىژىلداپ ئۆتەتتى، ھەممە يەردە سېرىق توپا توزۇپ تۇراتتى» دېدى چېن جۈنيې ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ. ئۇ كەلگەن ئىكەنمەن، بىكار يۈرسەم بولمايدۇ، ئازراق بولسىمۇ ھەقىقىي ئىش قىلىشىم كېرەك، شۇندىلا پارتىيە تەشكىلىنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسىگە يۈز كېلەلەيمەن، دەپ قارايتتى.

چېن جۈنيې ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ليەندۈيدىكى كۆپ قىسىم ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرگەنلىكىنى، لېكىن پەرۋىش تېخنىكىسى ئارقىدا قالغاچقا، پەرۋىش قىلمىسا مېۋە بەرمەسلىك، مېۋە بەرمىسە پەرۋىش قىلماسلىقتەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تەدرىجىي يوقالغانلىقىنى ئىگىلىدى.

بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئورمانچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن چېن جۈنيې ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، ليەندۈينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا چاتاش، شاخ تارتىش، چېچەك ۋە مېۋىلەرنى شالاڭلىتىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. «پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلىشىم كېرەك. ئەينى چاغدا مەن ئۈچ يىل ۋاقىتتا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى باشلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم» دېدى چېن جۈنيې.

ھەر ئىشنى باشلىماق تەس. «كۆپچىلىك پايدا ئالالمىغان چاغدا، ھەرقانچە چۈشەندۈرسىڭىزمۇ پايدىسى يوق». چېن جۈنيې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا بىر قىسىم ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇەن - مەيدان چۈشۈرگەن ۋەزىپىنى ئەپلەپ - سەپلەپ ئورۇنداش ئۈچۈن ئاۋۋال شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك دەرىخى تىكەتتى، لېكىن 2 - يىلى يەر ئاغدۇرغاندا دەرەخنى يۇلۇۋېتىپ، ئورنىغا كۆممىقوناق تېرىيتتى.

چېن جۈنيې بەل قويۇۋەتمىدى، ئۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن يۈزتۇرا ئولتۇرۇپ سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىگىلىدى. ئۆرۈكلۈك باغدا، ھەمىشە چېن جۈنيېنىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. «ئۆرۈك دەرەخلىرىگە ئورگانىك ئوغۇت بېرىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مەخسۇس ئېكولوگىيەلىك دورا ئىشلىتىش كېرەك، شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك پىشقاندىن كېيىن تەركىبىدە كۆپ خىل ئورگانىك تەركىبلەر ۋە ئادەم تېنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ھەم ئانورگانىك تۇز تۈرلىرى بار بولىدۇ، شۇڭا چوقۇم بازار تاپالايدۇ، كۆپچىلىك چوقۇم ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى.» چېن جۈنيې زېرىكمەي - تېرىكمەي چۈشەندۈرەتتى.

چېن جۈنيېنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئىلمىي ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆرۈكلۈك باغدىكى ئۆرۈك دەرەخلىرى جانلىنىشقا باشلىدى. 2017 - يىلى 9 - ئايدا، خىزمەتچى شېن تيېجۇنىڭ ئائىلىسى ئۆستۈرگەن 40 مو يەردىكى ئۆرۈك پىشىپ، شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالدى، شۇ يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

«200 مىڭ يۈەن دەڭا! قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى دېمەيلا قوياي! شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ، ئائىلىمىز نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. ھازىر مەن كۈندە ئۆرۈكلۈك باغدا چېپىپ يۈرۈپمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايمەن» دېدى شېن تيېجۇ قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى باسالماي.

ئۈلگىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى بىلەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بەس - بەستە شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرۈش قوشۇنىغا قوشۇلدى. 2018 - يىلى، 3 - ليەننىڭ 1960 مو يېرىدىكى شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك دەرەخلىرى مېۋە بېرىش مەزگىلىگە كىردى، مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 2016 - يىلىدىكى 100 كىلوگىرامدىن ئېشىپ 600 كىلوگىرام ئەتراپىغا يەتتى، كىشى بېشى يىللىق كىرىمى ئەسلىدىكى 3000 يۈەندىن ئېشىپ، 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يەتتى. شۇ يىلى 3 - ليەندىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، چېن جۈنيې «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ پۇختا ئىشلەش، ياخشى ئىشلەش كېرەك، قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ كېتىشكە بولمايدۇ، بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» دېدى چېن جۈنيې.

بۈگۈنكى كۈندە، مەي باغلاپ پىشقان شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈكلەر 3 - ليەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

چېن جۈنيې يەنە ئالتە ئائىلىدىكى ئون كىشىگە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، ھەربىر كىشىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەن ئاشتى؛ پائال تۈردە جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىغا تۈر ئىلتىماس قىلىپ، ليەندۈينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى؛ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا قارىتا بىرگە بىر ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇردى.

بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، چېن جۈنيې شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

«نەتىجە كۆپچىلىككە مەنسۇپ، قىلىدىغان ئىشلار يەنە ناھايىتى كۆپ. بۇ يىل بىز ئۆلچەملەشكەن پەرۋىش ئارقىلىق شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق، يېڭى پېتى ساقلاش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاشنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىمىز ھەم ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇستىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى چېن جۈنيې.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.