تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەقەملەشكەن مۇلازىمەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا كۆلىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدا ئالىقاندا تەكشۈرۈش، رەقەملىك گۇۋاھنامە ئېتىراپنامىسىنى شىنجاڭ ئىچىدە بېجىرىش، رايون - بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ۋەدىگە ئەمەل قىلىش كېپىللىك خېتى مۇلازىمىتىگە كۈچ قوشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەقەملەشكەن مۇلازىمەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا كۆلىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودىسى بويىچە پۈتۈشۈلگەن كۆلەم 75 مىليارد 614 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا سۇپىسىدا بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېخىمۇ ئەلا بولغان سودا تۇيغۇسىنى ياراتتى.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدا ئالىقاندا سۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بازار سۇبيېكتلىرى يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا سودا قىلغان يىل، ئاي، كۈن، پۈتۈشۈش ئەھۋالى، كارخانا ئارخىپى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ھەر ۋاقىت سۈرۈشتۈرەلەيدۇ، ئۇچۇرغا ئېرىشىش تېخىمۇ قولايلاشتى.

رەقەملىك گۇۋاھنامە ئېتىراپنامىسىنى شىنجاڭ ئىچىدە بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزىدە ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە ئېتىراپنامىسىنى بېجىرەتتى، بۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزاق، تەننەرخ يۇقىرى ئىدى. شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى شىنجاڭ CA رەقەملىك گۇۋاھنامىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى كەسىپلەرگە چېتىلمايدىغان بازار سۇبيېكتلىرىغا مۇلازىمەت قىلدى، شىنجاڭ CA رەقەملىك گۇۋاھنامىسى ئەسلىدىكى رەقەملىك گۇۋاھنامە بىلەن ئوخشاش ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بېجىرىش ۋاقىت چېكى ئەسلىدىكى يەتتە خىزمەت كۈنىدىن بىر خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى.

رايون - بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ۋەدىگە ئەمەل قىلىش كېپىللىك خېتى مۇلازىمىتىگە كۈچ قوشۇلدى. ۋەدىگە ئەمەل قىلىش كېپىللىك خېتى توك ساتقۇچى شىركەتنىڭ سودا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى زۆرۈر شەرت بولۇپ، ئىلگىرى يازما ۋەدىگە ئەمەل قىلىش كېپىللىك خېتى ئىشلىتىلگەچكە، بېجىرىش مۇددىتى ئۇزاق بولۇش، يىتىپ كەتسە تولۇقلاپ بېجىرىش قىيىن بولۇش، ئىشەنچ مېخانىزمى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىدى. رايون - بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بانكا، توك ساتقۇچى شىركەت، سودا مەركىزى ئارىسىدىكى سانلىق مەلۇمات توسۇقى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش كېپىللىك خېتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى توردا بېجىرىش، سانلىق مەلۇماتلارنى رايون - بۆلەك زەنجىرىگە چىقىپ تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.