تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل كۈرەش قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«كوممۇنىستلار پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىشتە جەزمەن كۈرەش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.» مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش كادىرلاردىن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، دادىل كۈرەش قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلىپ، «پىرىنسىپال مەسىلىلەردە قەتئىي بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا پارتىيە ۋە خەلققە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق، ھەتتاكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى، «كوممۇنىستلاردا ھەرقانداق ۋاقىتتا رەزىللىكتىن قورقمايدىغان، ياۋۇزلاردىن قورقمايدىغان، بوشاڭلىق قىلمايدىغان جاسارەت، غۇرۇر، شىجائەت بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

دادىل كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن پەزىلىتى. پارتىيەمىز دۆلەتتە ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك بولۇۋاتقان، مىللەت خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن، دۇنياغا كېلىپلا كۈرەش قىلىش تامغىسى بېسىلغان، باسقان ھەربىر قەدىمىدە كۈرەش ئىچىدىن ھاياتلىق يولى تاپقان، تەرەققىي قىلغان، غەلىبىگە ئېرىشكەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەممىسى كۈرەش داۋامىدا دۇنياغا كەلگەن، كۈرەش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان، كۈرەش داۋامىدا زورايغان. 100 يىلدىن بۇيان، ھەر خىل قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، پارتىيەمىز كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماسلىق، خەۋپ - خەتەردىن قورقماسلىق، دادىل كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش جاسارىتى ۋە پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكى. پارتىيەمىز كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بىز دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ھەمىشە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاش، كۈرەش قىلىشنى خالىماسلىق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.» شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىشى مۇمكىن، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. بىز دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، ھېچبولمىغاندا بىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. بۇ مەيدان ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، جاسارەتلىك بولۇپ، دادىل ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلىش كېرەك! دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ كۆرسەتكەندەك: «خام خىيالنى چۆرۈپ تاشلاپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بىر قەدەممۇ يول قويماسلىق، ئالىقانچىلىك زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويماسلىق، مىسلىسىز ئىرادە، پەزىلەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك».

كوممۇنىستلارنىڭ كۈرىشىنىڭ يۆنىلىشى بار، مەيدانى بار، پىرىنسىپى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كوممۇنىستلارنىڭ مۇھىم پەزىلىتى، بىر كادىرنىڭ لاياقەتلىك - لاياقەتلىك ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم.» كوممۇنىستلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ياخشىچاق ئەپەندى» ھەقىقىي ياخشى ئادەم ئەمەس، ياخشىچاقلىققا ئەمەل قىلغان ئادەمدە ئادىل قەلب بولمايدۇ، پەقەت شەخسىي غەرەز بولىدۇ، توغرا كەيپىيات بولمايدۇ، پەقەت چاكىنىلىق بولىدۇ، ئۆزى ياخشى بولغىنى بىلەن، كەيپىياتنى، كەسىپنى بۇزىدۇ. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشتىكى چوڭ يۆنىلىش شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار يېتىپ كەلسىلا، بىز جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي، قىلچە چېكىنمەي، تاكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، كىچىك ئىش، كىچىك ھالقىلاردىمۇ پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەر بولىدۇ. پارتىيەنىڭ كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادىل ئىش قىلىدىغان، يۈز - خاتىر قىلمايدىغان روھ بولۇشى، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ يۈز - خاتىر قىلماسلىقى، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ ئادىل ئىش قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، مەيدانىمىز ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك، توغرا كۈرەش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك مۇھىم، زور كۈرەش، سىناقلار ئالدىدا «لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق»، «بوران - چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇزاق مۇددەتلىك مول كۈرەش قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىسىگە ئىگە چوڭ پارتىيە، دادىل كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالغاندا، پارتىيەمىز چوقۇم خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۈنۈملۈك ھالدا ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەلەيدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.