تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«بىز ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز»

ئاپتونوم رايون تۇرالغۇ كاپالىتى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى​

«بىز ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى، خوتەن، ئاقسۇ، ئالتاي، ئىلى، بايىنغولىن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئامما ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر - بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، 80 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 2 مىليون 660 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئەمىن ئۆيى سېلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 670 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ شەھەر - بازارلاردىكى كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش بويىچە 1 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، 54 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق تۈرلۈك ياردەم پۇل مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن 4 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما زامانىۋى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىردى؛ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشى (مەبلەغ توپلاش) خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سېلىنغان، سېلىنىۋاتقان، مەبلەغ توپلاپ سېلىنغان ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى 1 مىليون 13 مىڭ يۈرۈشكە يەتتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۇچا شەھىرىنىڭ ئاغى يېزىسى كان كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت ئېزىز كەنتنىڭ يېقىندا تارتىلغان سۈرىتىنى ئېلىپ كەلدى ھەم بىر سىن كۆرۈنۈشىنى قويدى. مەمەت تۇرۇشلۇق كەنت كۇچا شەھىرىنىڭ ئاغى يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئىدى. ئىلگىرى جۇغراپىيەلىك ئورنى چەت، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ناھايىتى چەكلىك ئىدى. يېقىنقى يىللاردا، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى، كەنتكە ئاسفالت يول ياتقۇزۇلدى، كەنت ئاھالىلىرى بىكار ئۆيلەردىن پايدىلىنىپ، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش «تېز پويىزى»غا ئولتۇرۇپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىدىن 39نى، يېمەك - ئىچمەك، ئىستىراھەت دېھقانلار ئارامگاھىدىن بەشنى قۇردى.

شىنجاڭنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر - بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئاساس سېلىندى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەتچىسى چالخار بىمولا، خوتەن شەھىرىدىكى تۇەنچېڭنىڭ ئاھالىسى دىلنۇر مەتقۇربان، غۇلجا شەھىرى قازانچى مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھەت رايونىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى قۇندۇز تۇرسۇنمەمەت تۇرالغۇسى ياخشىلانغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ «ساياھەتچىلىك تامىقى»نى يەپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى؛ كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىسىنىڭ ئاھالىسى دىلمۇرات قادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەپە ئۆي رايونىنىڭ پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار ھالەتتىن يېشىل ئولتۇراق رايونغا ئۆزگىرىش پۈتۈن جەريانىغا گۇۋاھ بولدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شەنشۈي يايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى مارىيە نۇردۇن ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئامما ئۈچۈن سېلىپ بەرگەن ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەنلىك جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى باراۋەر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئورتاق ئېچىپ گۈللەندۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. شىنجاڭ ھەر يىلى ئادەتتىكى ئومۇم خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش ئىشقا ئاشتى.

نۇرغۇن جانلىق مىساللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا راۋان ماڭدى، ياخشى ماڭدى. سۆز قىلغان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھازىرقى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ، ھەرقانداق ئادەم ئىنكار قىلالمايدىغان پاكىت. «ھازىرقى ياخشى كۈنلەرنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدۇ، كىم پۇقرالارغا چىن كۆڭلىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى، كىم بىزگە ياردەم قىلدى، بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ناھايىتى ئايان» دېدى مەمەت ئېزىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.