تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​چۆل - باياۋاندىكى «چولپان»

روزىمەمەت باقى:

​چۆل - باياۋاندىكى «چولپان»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

خىزمەت قىلغان 27 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى ئېغىر نېفىت ئېچىش شىركىتى نېفىت ئېلىش مەشغۇلاتى 5 - رايونى نېفىت ئېلىش 6 - بەنىنىڭ بەنجاڭى روزىمەمەت باقى خۇددى توغراققا ئوخشاش، چۆل - باياۋاندا يىلتىز تارتىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئەلا نەتىجە ياراتتى ھەم تۈركۈم - تۈركۈم «توغراق كۆچەتلىرى»نى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

روزىمەمەت خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېزىسىدا چوڭ بولغان، 1994 - يىلى، قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ نېفىتلىككە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندا، ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇشتەك ئاجىزلىقى بىردىنلا بىلىنىپ قالغان.

«ئەينى چاغدا بەك تىت - تىت بولدۇم، ئۇستامنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمىگەچكە خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالغانىدىم. ئەڭ جاپالىق ۋاقىتتا بەل قويۇۋېتىشنى ئويلىغانىدىم» دېدى روزىمەمەت.

شۇ چاغدىكى نېفىت ئېلىش 5 - رايونىنىڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ جىنمىڭ بىر چارە تېپىپ، كەسپىي ئاتالغۇ ۋە تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى قەغەزگە يېزىپ، پىنيىننى قوشۇپ، روزىمەمەتكە پىنيىن بويىچە تەكرار ئوقۇتۇپ، يازدۇرۇپ، يەنە نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلدۇردى، بۇ ئۇنىڭدا چوڭقۇر ئەسلىمە قالدۇردى.

يېرىم يىلدىن كېيىن، روزىمەمەت خىزمەت مەشغۇلات قائىدىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. روزىمەمەتنىڭ قىزىقىدىغان ئىشلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، نېمە ئۈچۈن ئېغىر ماي پار بىلەن قوزغىتىلىپ قېزىلىدۇ؟ ئېغىر ماي نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟... پۇرسەت بولسىلا، روزىمەمەت ئۇستىسى ليۇ جىنمىڭدىن سوراپ ئۆگەندى.

«ئاشۇ يىلى، قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن 20 ئوقۇغۇچى تەقسىم قىلىنغانىدى، ئۇنىڭ سورايدىغان سوئالى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بىلمىسىلا سورايتتى.» ليۇ جىنمىڭ مۇنداق دېدى: روزىمەمەت ئۆگىنىشتە ئەڭ تىرىشچان بالا ئىدى.

بىرنەچچە قېتىم چارلاپ تەكشۈرگەندە، ليۇ جىنمىڭ روزىمەمەتنىڭ قولىغا بىر تال تاياقچە ئېلىپ، قۇم بارخانلىرىغا يېزىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

روزىمەمەت ئۆز ئالدىغا يەنە «شىنخۇا لۇغىتى» سېتىۋېلىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، ئۇ «شىنخۇا لۇغىتى»نى ئىككى قېتىم كۆچۈرۈپ يېزىپ چىققان.

1997 - يىلى ئەسلىدىكى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاز سانلىق مىللەت ياش ئىشچىلار تېخنىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ليۇ جىنمىڭ روزىمەمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئىشچىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كۆرسەتتى. روزىمەمەت ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، 1 - لىككە ئېرىشتى.

نېفىت ئېلىش 5 - رايونىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، روزىمەمەت ئۇستىسىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى، ليۇ جىنمىڭ نەق مەيداندا ئۇنى پونكىت باشلىقلىقىغا ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. «پەقەت تىرىشساقلا، چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز» دېدى روزىمەمەت.

روزىمەمەتنىڭ ئىشەنچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، خىزمەتنىمۇ بارغانسېرى غەيرەت بىلەن ئىشلىدى. «پونكىت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشۇم كېرەك، شۇندىلا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭالايمەن» دېدى روزىمەمەت.

پونكىت باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، دائىم ئىسمېنا قوشۇپ مەشىق قىلىپ، تۈرلۈك تېخنىكا ۋە مەشغۇلات ماھارەتلىرىنى تېخىمۇ پۇختا ئىگىلىدى. 1999 - يىلى روزىمەمەت ئاپتونوم رايون بويىچە ياش ئىش ئورنى ماھىرى دېگەن نامغا ئېرىشتى، 2001 - يىلى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تېخنىكا ماھىرى دېگەن نامغا ئېرىشتى.

خىزمەتتە، روزىمەمەت خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرى بىلەن ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى. 2007 - يىلى روزىمەمەت مەملىكەت بويىچە ھەر مىللەت ياشلىرى ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، روزىمەمەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. ئۇ توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى، شۇڭا كۆپچىلىك ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن «چولپان» باقى دەپ ئاتىدى.

شەرەپ ئالدىدا، روزىمەمەت مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، يەنىلا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى.

ھەر يىلى، نېفىتلىككە بەزى ياشلار تەقسىم قىلىنىدۇ، بەزى يېڭى خىزمەتچىلەر خىزمەت شارائىتىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەل قويۇۋەتمەكچى بولىدۇ. روزىمەمەت ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى كۆڭلىنى توختىتىپ، يىلتىز تارتىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

2007 - يىلى، ۋۇخەن پەن - تېخنىكا داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ياڭ شۆفېڭ نېفىتلىككە كېلىپ گاڭگىراپ قالدى. «ھەر كۈنى ياكى قۇدۇق چارلايمىز، ياكى رېمونت قىلىمىز، كۈنلەر بەك زېرىكىشلىك. بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلىساملا، بەك قورقىمەن.» ياڭ شۆفېڭنىڭ ئېيتىشىچە، روزىمەمەت ئۇستامنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ئۇ كۈرەش يۆنىلىشىنى ئېنىق تونۇغان، ھەم ئون يىل ئىچىدە تېخنىك ئۇنۋانىنى ئېلىش نىشانىنى بېكىتكەن. ھازىر ياڭ شۆفېڭ ئالىي تېخنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ بولدى.

ئۇ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، يەنە يېڭى ئادەم يېتىشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 2006 - يىلى، روزىمەمەت يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، يۇلغۇن نېفىت تورىنى قۇرۇپ، كەسپىي بىلىملەردىن ئورتاقلاشتى، بۇ، نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ يۇلغۇندەك غۇژمەكلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«يۇلغۇن نېفىت تورىدا، ئۇستام ئۆزى ئىگىلىگەن ماھارەت ۋە ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملەرنى قىلچە قالدۇرماي ئورتاقلاشتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت تېخىمۇ كۆپ يېڭى كىشىلەرنى تېخىمۇ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت» دېدى ياڭ شۆفېڭ.

شىركەت يەنە روزىمەمەت باقى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى قۇردى، ئىشخانىنىڭ كەشپىيات پاتېنتى 100 تۈردىن ئاشتى. روزىمەمەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچىنىڭ باھالاش ئارقىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىغا ئۆستۈرۈلۈشىگە، 50تىن ئارتۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىغا ئۆستۈرۈلۈشىگە ياردەم بەردى، ئۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان شاگىرتلارنىڭ كۆپىنچىسى نېفىتلىك شىركىتىنىڭ تۈرلۈك ماھارەت مۇسابىقىلىرىدە سەرخىللاردىن بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.