تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەكلى مول بولدى، ئەمەلىي سۆزلەندى مەزمۇنى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېخىمۇ جانلىق، ئاممىغا تېخىمۇ ياقىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قەلبلەرگە سىڭىشى، پۇختا بولۇشى، ھەرىكەتتە كۆرسىتىلىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش

7 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، سانجى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، قىزىل كۆرگەزمە سارايلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى.

بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش. سانجى شەھىرى يەنئەن شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يەنئەن شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ «20+10» خىزمەت تىزىملىكىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 -ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يەنئەن شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ كادىرى جىن شياۋيۈ.سانجى شەھىرى ھەقىقىي تۈردە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى قىلىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 -ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە قويۇق كەيپىياتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، سۆزنىڭ روھىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىش، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا يېڭى نەتىجە يارىتىپ، يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى سانجى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چېن لىخۇا.

ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيەنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش

8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، تولى ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى چىڭجياۋ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جيەنشې باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەۋاتقان بولۇپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

پائالىيەتتە، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر كۇەيبەن، ئەلنەغمە قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەلبلەرگە سىڭدۈردى. پارتىيە تارىخى بىلىملىرى توغرىسىدا ئۆزئارا سوراپ، ئۆزئارا جاۋاب بېرىش ھالقىسى پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى خەلق رايىغا، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تولى ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى لىيۈەنمېي، قىزىل ئەسلىي مەقسەت، قىزىل شارپا، كىچىك ئورۇندۇق قاتارلىق ناملاردىكى خاس لېكسىيە ئەترەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوبيېكتلىرى ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ سۆزنى ئۆگىنىشى، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى، تەرەققىياتنى كۆزلىشىگە ياردەم بەردى.

كەنت ئاھالىسى لى جىخۇا مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئالدىراش بولغاچقا گېزىت، تېلېۋىزور كۆرۈشكە ۋاقتىمىز چىقمايتتى، بازار بۇ خىل شەكىلنى قوللىنىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى، ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىزنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى».

«لېكسىيە سۆزنىڭ جەۋھىرىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى، بىز چىن قەلب، چېن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا يېقىنلىشىپ، لېكسىيەنى قويۇق يەرلىك پۇراقتا سۆزلەپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىمىز» دېدى ۋاڭ جيەنشې.

ھازىرغا قەدەر، تولى بازىرىدىكى لىيۈەنمېي، قىزىل ئەسلىي مەقسەت، قىزىل شارپا، كىچىك ئورۇندۇق قاتارلىق ناملاردىكى لېكسىيە ئەترەتلىرى پۈتۈن بازاردىكى يەتتە مەھەللە، ئىككى كەنتتە 28 مەيدان قېتىم لېكسىيەنى قانات يايدۇردى، تەربىيە ئالغان ئامما 2000دىن كۆپرەككە يەتتى.

چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ بېكىتتى.» 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگىنىش قەرەللىك يىغىنىدا، توققۇزتارا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جۈنچۈەن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن شۇنداق دېدى.

توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى مائارىپ سىستېمىسى «مەركەزلەشتۈرۈش + ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش» «مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش + مەخسۇس تېمىلىق مائارىپ ئىلمى» «تور ۋە تور سىرتى + كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش»تىن ئىبارەت «ئۈچ ئۆگىنىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. توققۇزتارا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش ئارقىلىق سۆزلەشكە تۈرتكە بولۇپ، سۆزلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى باشلامچى بولۇپ، «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىغا ئېرىشكۈچى پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار ئارقىلىق كۆپ سانلىقلارنى يېتەكلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى باشلامچى بولۇش، ئاۋانگارت بولۇش، ئۈلگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى مائارىپ سىستېمىسى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ ۋېي، شياۋ يىڭ، گو چىڭ، شۈ يەنيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.