تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مېۋىلىرى ئۈزۈلگەن ھامان توشۇلدى، تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتتى

​− باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش توغرىسىدىكى چاتما خەۋەر (3)

سانجى شەھىرىنىڭ داشىچۈ بازىرى يۈتاڭ كەنتىدىكى چىشىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى ئۈزۈم ئۈزمەكتە. (8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تارتىلغان). □خې لوڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

ھازىر شىنجاڭدا مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. دېھقانلار ئېتىزلاردا مېۋە ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇلنى خۇشال كۈتۈۋالدى؛ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدا شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى.

شىنجاڭ مېۋىلىرى سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن داڭلىق، لېكىن يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى قىسقا بولغاچقا، سېتىش يوللىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغانىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنى شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەمىنى ۋاقتىدا تېتىپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆردى، يەشىك - يەشىك مېۋىلەر ئۈزۈلگەن ھامان ئايروپىلانغا قاچىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە قاراپ ئۇچتى.

شىنجاڭدىن چىقىرىلىدىغان مېۋىلەر شۇ كۈنى ئۇلاپ يەتكۈزۈلدى

8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى 20 توننا شىنمېينى قاچىلاپ شېنجېنغا قاراپ ئۇچتى. بۇ تۈركۈم شىنمېي شۇ كۈنىلا شېنجېندىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرىغا يېتىپ بارالايدۇ.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شىنجاڭدىن توشۇغان مېۋە - چېۋە 600 توننىدىن كۆپرەك بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشقان.

7 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە زىچ توپلىنىش ھەمدە ئۈرۈمچىدىن دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرلەرگە سېلىنغان كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلانلار كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى جايلاردا شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلىدىغان مېۋىلەرنى شۇ كۈنى ئۇلاپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«مېۋىلەرنى يېڭى ساقلاشقا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى بولغاچقا، بىز ئامالنىڭ بارىچە مال مەنبەسىنى كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلانلارغا ئورۇنلاشتۇردۇق.» جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى سېتىش - باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فەن يۈدۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، توشۇلىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىر قىسمى شىنجاڭ ئىچىدىن بىۋاسىتە شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئارقىلىق شۇ كۈنى يەتكۈزۈلىدۇ؛ يەنە بىر قىسمى ئۈرۈمچىدىن ئۇلاپ توشۇلۇپ شۇ كۈنى يەتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى مەخسۇس كاپالەتلەندۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىپ، مېۋىلەرنى باش بېكەتتە ئايروپىلانغا قاچىلىغاندىن باشلاپ، مال ھالىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، نەق مەيدان تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۇلاپ يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بۇزۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدا ئۈرۈمچى ئارقىلىق ئۇلاپ يەتكۈزىدىغان مېۋىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ ئۈرۈمچى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرگە ئۇلاپ يەتكۈزۈلىدىغان مېۋىلەرنىڭ كۈنلۈك توشۇلۇش مىقدارىلا ئون توننىدىن ئاشتى.

«مېۋە - چېۋە ناملىق» نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بەس - بەستە ئۇچتى

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 1.5 توننا شىنمېي قاچىلانغان نۆۋەتچى ئايروپىلان تۇمشۇقتىن گۇاڭجوۋغا ئۇچۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ يېڭى پەسىللىك مېۋىلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە دېڭىز بويىدىكى شەھەرگە يەتكۈزدى.

5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىندى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى سۈرئىتى تېز بولۇش، مېۋە - چېۋىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېڭى ساقلاشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ تيەنيۈەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى يولغا سالغان مېۋە 992.89 توننىغا يەتتى.

مېۋە - چېۋە مول مەزگىلدە ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق توشۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى تۇتۇش ئۈچۈن، كورلا ئايرودۇرۇمى ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسى ئاچتى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 1000 يەشىك قۇم ئەتلىك شوخلىسى پوچتا يوللانمىسى شەكلىدە ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يولغا سېلىندى، بۇ، پوچتا EMS يېڭى پېتى پەۋقۇلئاددە تېز يەتكۈزىدىغان «شوخلا ناملىق» بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى، شۇنداقلا 2021 - يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ. 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمى «بۈگۈر ناھىيەسى ئاق ئۆرۈكى ناملىق» ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسىنى ئاچتى، تۇنجى تۈركۈمدىكى «بۈگۈر ناھىيەسى ئاق ئۆرۈكى» پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە يەتكۈزۈلدى، شۇنىڭدىن كېيىن كۈنىگە توشۇپ يەتكۈزۈلىدىغان ئاق ئۆرۈك 50 توننىدىن ئاشتى. ئارقىدىنلا، كورلا ئايرودۇرۇمى يەنە «تىيانشان ناۋات شاپتۇل ناملىق» «504 توغاچ شاپتۇل ناملىق»، خوشۇت «شىنمېي ناملىق» قاتارلىق لىنىيەلەرنى ئاچتى.

جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستى شۆبە شىركىتى مەخسۇس ھاۋا ئارقىلىق توشۇلىدىغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ھەقتە ئېتىبار بەردى. تەمىنلەش سودىگەرلىرى، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ھالقىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، توشۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن يېشىل يول ھازىرلاپ بەردى.

كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ بۇ يىللىق يۈك پوچتا يوللانمىلىرىنى كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 5500 توننىغا يەتكەن بولۇپ، ئۇدا ئىككى ئاي 1000 توننىدىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ توشۇلۇش مىقدارى 4000 توننىدىن ئارتۇققا يەتتى. يېڭى مېۋىلەرنى توشۇش بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رىقابىتىدىكى يېڭى ئەۋزەللىككە ئايلاندى.

ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستى ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ گۇەنسۈن توغاچ شاپتۇللۇقىدا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى پۇتاپ، كېلەر يىلى داۋاملىق مول ھوسۇل ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ۋاڭ گۇەنسۈن تۆت دېھقان ئائىلىسى بىلەن كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغانىدى، بۇ يىل بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 300 مودىن ئارتۇق توغاچ شاپتۇللۇقىدىن چىققان 120 توننا توغاچ شاپتۇل ئۈزۈلگەن ھامان ئايروپىلان بىلەن شىنجاڭ سىرتىغا يولغا سېلىندى، بۇ مېۋە ئۈزۈش پەسلىدە ئۇلارنىڭ كىرىمى 1 مىليون يۈەن كۆپەيدى.

شۇ كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستى جياڭتاۋ نوڭگې ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تاۋ دېڭفېڭ ئۈچ توننا توغاچ شاپتۇلنى گۇاڭجوۋغا يولغا سالدى. «بۇ يىل شىركىتىمىز ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق يولغا سالغان شىنجاڭدىن چىقىدىغان مېۋە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشتى، 400 توننىدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.» تاۋ دېڭفېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، مۆلچەرلىنىشىچە ئۇ بۇ يىل 200 مىڭ يۈەن ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

ۋاڭ گۇەنسۈن ۋە تاۋ دېڭفېڭنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بايىنغولىن ئوبلاستى ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ پايدىسىدىن بولغان.

ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كورلا ئايرودۇرۇمى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىككىلەمچى تۈگۈن ئايرودۇرۇمىغا ئايلىنىپ، ئەتىگەندە يولغا سالسا كەچتە يېتىپ بېرىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى ھازىرلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە «ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى»نى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، ئاۋىياتسىيە بازىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا بەرگەن مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى جەمئىي 260 مىليون يۈەنگە يەتتى.

كېيىنكى قەدەمدە، كورلا ئايرودۇرۇمى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ يۈك پوچتا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىشنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، مېۋە - چېۋىگە بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى رايونلارغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى نۇقتىلىق ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇھىم شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ مېۋە - چېۋە توشۇش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، توشۇش باھاسىدا ئېتىبار بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يوللانمىلارنى يوللايدىغان - ئەۋەتىدىغان ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى توشۇش باھاسى جەھەتتىن قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.