تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈلگە يېتەكچىلىك قىلدى ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ھەر دائىم پورەكلەپ ئېچىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر خىسلەت

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتا ھەر مىللەت ئاممىنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك...» 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، چۆچەك شەھىرى يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىغا قوشنا - قولۇملار لىق توشتى، كۆپچىلىك سالىقجاننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن سۆزلىگەن لېكسىيەنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، 12 يىل ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان «پېشقەدەم بايراق چىقارغۇچى» سالىقجان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇردى.

«جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غايە، ئېتىقاد، ھېسسىيات، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا نامغا ئېرىشكەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇندىن 72سى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىدىن 14ى، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە كوللېكتىپتىن 1342سى(قېتىم)، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخستىن 2320 ئادەم (قېتىم) بار بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە بەرپا قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) ماقۇللاندى ھەم 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. «نىزام» شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەجرىبە - ئۇسۇللىرى ۋە مۇھىم نەتىجىلىرىنى يەرلىك نىزام ئارقىلىق مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. «نىزام»نىڭ چىقىرىلىشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇننى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەكىلنى بېيىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش كېرەك.

2020 - يىلى، قومۇل شەھىرىگە «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر» دېگەن نام بېرىلدى. بۇ نەتىجە پۈتۈن شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە مەزمۇنى مول، شەكلى يېڭىچە بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغانلىقىدىن قولغا كەلگەن.

قومۇل شەھىرى «ئاساسنى مۇستەھكەملەش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنى قىزىل تەربىيە بازىلىرى، مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك فىلىملىرىنى كۆرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدى؛ «ئاساسنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەردە «مەن ئاپام، دادامغا جۇڭخۇا تارىخىنى سۆزلەپ بېرىمەن» «جۇڭخۇا تارىخىنى سۆزلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چاچتى؛ «قېرىنداشلىق مېھرى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، «قوشنىلار ھەمدەم بولۇپ قوشماقلىشىش» «ۋەتەنپەرۋەرلىك فىلىملىرىنى بىللە كۆرۈش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى...

8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش تەشەببۇسنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى.

جىمىسار ناھىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى پۇرسەت بىلىپ، «مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ئۆزئارا ئۆگىنىش»، بىللە جۇۋاۋا تۈگۈش، بىللە پولۇ ئېتىش، بىللە زۇڭزا تۈگۈش، بايراملاردا بىر - بىرىنى يوقلاش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىتتىپاق، قېرىنداشلارچە ئۆتۈپ، مول، رەڭدار پائالىيەتلەر داۋامىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتتى.

«بىز ھەرقايسى مىللەتلەر خۇددى جۇۋاۋىغا ئوخشايمىز، قىيما جىلتىدىن ئايرىلالمايدۇ، جىلتە قىيمىدىن ئايرىلالمايدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېدى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ دايۇ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خۇشال - خۇرام بىللە ئەمگەك قىلىش، ئىللىق قېرىنداشلىق مېھرى ئورنىتىش − مەن تۇغقىنىم بىلەن جۇۋاۋا تۈگىمەن» پائالىيىتىدە دايۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ گوچياڭ ئوبرازلىق ئوخشىتىپ.

ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.