تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلىشىمىز، تەدبىر بەلگىلىشىمىز، ئىش بېجىرىشىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى» «ئىش قىلىش، ئىشنى زىممىگە ئېلىش كادىرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا قىممىتى.» مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش كادىرلارنىڭ ئىچكى ماھارەتنى ياخشى چېنىقتۇرۇشى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، «ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» «مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش» بۇنىڭ مۇھىم تەرىپى.

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ماركسىزملىق تۈپ قاراش، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى تۈپ تەلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلى، خىزمەت ئۇسۇلى، رەھبەرلىك ئۇسۇلى. ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى پەزىلىتى دەل ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقەتنى سىناپ ۋە ھەقىقەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى پەزىلەت پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى، ئىجادچانلىقىنى ساقلىشىدىكى ئاچقۇچ. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھ بىلەن يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى: ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى. قاچانكى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە ياخشى چىڭ تۇرغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئېغىر ئەگرى - توقايلىق كۆرۈلىدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ماركسىزمنىڭ جەۋھىرى، بىز ئىلگىرىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە تايانغان، بۈگۈنكى كۈندە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا يەنىلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە تايىنىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، ئەمەلىيەتنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» ئەمەلىيەتنى چۈشىنىشتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەپ، تۆۋەنگە نەزەر سېلىش، قەدەمنى تۆۋەنگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى پۇختا، تولۇق ئىگىلەش كېرەك؛ ھەم ئاساسىي قاتلامغا «چوڭقۇر چۆكۈش»، تېخىمۇ مۇھىمى ئاساسىي قاتلامغا «رىشتە باغلاش»، راست گەپنى ئاڭلاش، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىش، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش كېرەك؛ چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش، ساختىسىنى چىقىرىۋېتىپ ھەقىقىيسىنى ساقلاپ قېلىش، بىر ھادىسىدىن يەنە بىر ھادىسىگە ئۆتۈپ، تاشقى ھادىسىدىن ئىچكى ماھىيىتىنى ئىگىلەش، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئېتىقادىمىزنى ئاڭلىق چىڭىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش قابىلىيىتىمىزنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت، ھەممە يەردە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى قەلبىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى دائىم، كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى تېخىمۇ كۆپرەك ئىگىلەپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش ئىدىيەۋى ئۇسۇل مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە پارتىيەۋىلىكنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىك مەسىلىسىدۇر. ھازىرقى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇشتا ھەل قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى پارتىيەۋىلىك مەسىلىسىدۇر.» كادىرلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن - ئىزدىمىگەنلىكىگە نۇرغۇن جەھەتتىن قاراشقا بولىدۇ، ئەڭ نېگىزلىكى راست گەپ، سەمىمىي گەپ قىلغان - قىلمىغانلىقى، ئەمەلىي ئىش قىلغان - قىلمىغانلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىگەن - كۆزلىمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ياش كادىرلار پارتىيەۋىلىكنى مەۋقە قىلىپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىي سۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، سەمىمىي ئادەم بولۇشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ۋە چېنىقىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. يەنە شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيەنىڭ كادىرلارنى ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىغا قويۇشى كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئىش قىلىشى ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ئەمەل تۇتۇپ راھەت كۆرۈشى ئۈچۈن ئەمەس. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى شۇنچە كۆپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بىلەن نەتىجە يارىتىش بىر گەۋدە بولۇپ، نەتىجە ياراتماسلىقنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمىغانلىق، نەتىجە ياراتقانلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىق بولىدۇ. ئىش قىلغاندا ھامان خەۋپ - خەتەر بولىدۇ. خەۋپ - خەتەر بولغاچقا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن، پارتىيە ۋە خەلققە پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلاردا قىيىنچىلىقتىن قاچماسلىقىمىز، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىقىمىز، دادىللىق بىلەن ئىشلىشىمىز، قەتئىيلىك بىلەن ئىشلىشىمىز كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، بىز «قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش»تەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى ساقلاپ، «يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان كۈرەش ئىزىنى قالدۇرۇشىمىز كېرەك.

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. بىز تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، يەنە داۋاملىق تاغلارنى ھالقىپ، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، مەڭگۈ كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.