− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەقدىرىگە، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ياش كادىرلار ئۇلۇغ دەۋرگە توغرا كەلگەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، جەزمەن ئىچكى ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەي، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان دۆلەتنىڭ تايانچلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە پارتىيە بولۇپ كەلدى. بۇ غايە - ئېتىقاد دەل ماركسىزملىق ئېتىقاد، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدۇر. 100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاپا - مۇشەققەت ۋە خېيىم - خەتەر، توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن، ھايات - ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئېچىنىشلىق قۇربانلارنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇردى، غايە - ئېتىقاد ئوتى يانغان ھامان غايەت زور مەنىۋى كۈچ پەيدا قىلدى. پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالنى ئىگىلەپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى قوللىنىپ، مەسىلىنى توغرا تونۇپ، مەسىلىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالىدى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، جاسارىتىنىڭ يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرۇشى، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقالىشىدىكى سەۋەب، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەس غايە - ئېتىقادى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكى بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە بولغان سادىقلىقىنى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى قەلبىگە چىڭ پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى بېغىشلاپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى ئۈچۈن قەيسەرانە كۈرەش قىلغانلىقى، بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىدىندۇر.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «غايە - ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى.» پارتىيەلىك كادىرلاردا مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد بولغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، پۇختا يۈرەلەيدۇ، يىراققا يۈرەلەيدۇ؛ غايە - ئېتىقادى بولمىسا ياكى غايە - ئېتىقادى مۇستەھكەم بولمىسا، ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە شەخسىي غەرەز، قالايمىقان خىياللار پەيدا بولىدۇ، ھەتتا جىددىي پەيتتە جەڭدىن قاچىدۇ. تارىخ بىلەن ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە يۈكسەك ئىستىكى بولسىلا، قەيسەر، كۈچلۈك بولالايدۇ، مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس بولالايدۇ، ھەممىلا يەردە غەلىبە قازىنالايدۇ، قايتا - قايتا ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرسىمۇ يەنىلا جاسارەت بىلەن قايتا - قايتا ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ؛ بىر كادىردا مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد بولسا، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، كۆكسى - قارنى كەڭ بولالايدۇ، شۇنداقلا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ھەرقانداق كۈچلۈك بوران - چاپقۇندا تاغدەك مەزمۇت تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادنى شەكىللەندۈرۈش ھەم بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس، شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، بەلكى كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تاۋلىنىشى، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. ياش كادىرلار شۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش ئۆمۈرلۈك تېما، دائىم تەربىيەلىنىشكە، دائىم تاۋلىنىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ئىشىنىشى، ئۇنى بىر ئۆمۈر ساقلىشى كېرەك. كادىرلار ئۆسۈپ يېتىلىشتە جەزمەن ھەقىقەت بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادىنى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىش قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «غايە - ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇش زىچ مۇناسىۋەتلىك. غايە - ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن پارتىيەگە سادىق بولغىلى بولىدۇ، پارتىيەگە سادىق بولۇش غايە - ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھلىنىشى.» كادىرلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنىڭ بار - يوقلۇقىنى ئۆلچەشتە ئاچقۇچلۇقى پارتىيەگە سادىق بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. پارتىيەمىز سانسىزلىغان خەۋپ - خەتەر ۋە ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدى، لېكىن ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنى باش ئەگدۈرەلمىدى، ھەرقانداق دۈشمەن بىزنى يىقىتالمىدى، بۇنىڭدا مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سادىقلىقىغا تاياندۇق. پارتىيەگە سادىق بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پەزىلىتى. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشتە، ئىنقىلاب يىللىرىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلالىغان - قىلالمىغانلىقى، پىداكارلىق كۆرسەتكەن - كۆرسەتمىگەنلىكىگە قارىلاتتى، تىنچلىق مەزگىللىرىدىمۇ ئېنىق تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بار. مەسىلەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىيالىغان - ساقلىيالمىغانلىقى؛ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرەلىگەن - ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەنلىكى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولالىغان - بولالمىغانلىقى؛ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي قارارنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنغان - بويسۇنمىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەگە سادىق بولۇشنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ياش كادىرلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.
ھازىر، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش بۇرغىسى چېلىندى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ياش كادىرلار ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)