تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋەتەن ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش

​− ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى توغرىسىدا بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ خېڭجى، ساۋ جيەنجيې

1981 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يەتتە مەيدان تولۇق غەلىبە قىلىشتەك نەتىجە بىلەن تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن «ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون» بولۇشتەك ئۇلۇغ نەتىجىنى باشلىدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزلارنىڭ قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى؛ «ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىن ئۆگىنىپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش» بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ مەنىۋى ئىزناسىغا ئايلاندى.

2019 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 13 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىپ، 10 - قېتىم شەرەپ بىلەن دۇنيا ۋالىبول مۇسابىقىسىدىكى «ئۈچ چوڭ مۇسابىقە»دە چېمپىيون بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرەپ قۇچۇپ دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى: كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى ياخشى كۆرۈشى سىلەرنىڭ چېمپىيون بولغانلىقىڭلاردىنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، سىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش، يېڭىلگەنگە مەڭگۈ تەن بەرمەسلىكتەك روھىي قىياپىتىڭلارنى نامايان قىلغانلىقىڭلاردىن بولدى. ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى بىر دەۋرنىڭ روھىغا ۋەكىللىك قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىشتەك كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى.

ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش − جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش

1972 - يىلى قۇرۇلغان فۇجيەن جاڭجوۋ تەنتەربىيە مەشىق بازىسى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش بازىسى بولۇپ، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ «ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون» بولۇشتەك كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى.

جاڭجوۋ ئاياللار ۋالىبول مەشىق بازىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان جۇڭ جياچى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا زەربىدارلىق بىلەن سېلىنغان بامبۇك كەپە سارىيىنىڭ يەر يۈزى بېتون بولۇپ، يېقىلىپ كەتكەندە قۇم - شېغىللار بەدەنگە پېتىپ كىرىپ كېتەتتى، كوماندا ئەزالىرى مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن داۋالاش ئۆيىگە بېرىپ يۇيۇپ، بەدىنىگە پېتىپ كىرىپ كەتكەن قۇم - شېغىللارنى قىسىپ ئېلىۋېتەتتى.

40 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بامبۇك كەپە ساراي ھازىر يوق، لېكىن ئۇنىڭ تېمىغا چاپلانغان شوئار ھازىرمۇ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ۋالىبولچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىدە: «دومىلاپ لاي - توپىغا مىلىنىپ، نەچچە قات تېرىمىز سويۇلۇپ كەتسىمۇ، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا ئىرادە باغلايمىز».

1976 - يىلى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى قايتىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلدى، يۈەن ۋېيمىن باش تىرېنېر بولدى، ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىغان كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بامبۇك كەپە سارايدا جاپالىق مەشىق قىلغان، ھەممىسى بۇ يەردە كۆپ قېتىم «ئالاھىدە مەشىق»نى قوبۇل قىلغان.

جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ.

1981 - يىلى 11 - ئايدا، ياپونىيە دابەندە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 3 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

1982 - يىلى 9 - ئايدا، پېرۇ لىمادا، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 9 - نۆۋەتلىك ئاياللار ۋالىبول دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

1984 - يىلى 8 - ئايدا، ئامېرىكا لوس ئانژېلېستا، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

1985 - يىلى 11 - ئايدا ياپونىيە دۇڭجىڭدا، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

1986 - يىلى 9 - ئايدا چېخوسلوۋاكىيە پىراگادا، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 10 - نۆۋەتلىك ئاياللار ۋالىبول دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون» بولۇش پۈتۈن دۇنياغا ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگو دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى مىسلىسىز ئۇرغۇتتى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، «خەلق گېزىتى» 1 - بەتتە پۈتۈن بىر بەت خەۋەر قىلدى ھەم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە: ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىن ئۆگىنىپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى، دەپ چاقىرىق قىلدى. شۇ مەزگىلدە، بىرمۇ ئادەم قالماي ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزلار دەۋر ئۈلگىسىگە ئايلاندى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىن ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن «ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى» بارلىققا كەلدى.

ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ پېشقەدەم باشلىقى سۈن جىنفاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىگەندە مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەش دەل ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىغا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتۇر.

قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، يېڭىلگەنگە مەڭگۈ تەن بەرمەسلىك − جۇڭگولۇقلارنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشى

جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگىنىگە 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، تىرېنېر، كوماندا ئەزالىرى كەينى - كەينىدىن ئالماشتى، ئارىلىقتا ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىدە كۆتۈرۈلۈش - تۆۋەنلەش بولدى، ھەتتا خېلى ئۇزاق ۋاقىت پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، لېكىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلدى، ئۇنى قىزغىن سۆيدى، قوللىدى، چۈنكى ئىتتىپاقلىشىش، جان تىكىپ ئېلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھى باشتىن - ئاخىر ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدا داۋاملىشىپ كەلدى.

دەل بۇ خىل مەنىۋى كۈچكە تايىنىپ، 2004 - يىلى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2: 0 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغان مۈشكۈل ئەھۋالدا، دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ مۆجىزە ياراتتى؛ 2016 - يىلى رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولۇپ، خەتەرلىك ئەھۋالدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى ئاللىقاچان تەنتەربىيە دائىرىسىدىن ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىگە ئايلاندى.

2020 - يىلى 3 - ئايدا، ۋۇخەنگە ياردەمگە كەلگەن «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» بىر ئايال سېسترا ۋېيبوسىدا ئۇچىسىغا ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىز جۇ تىڭنىڭ ھەجۋىي رەسىم ئوبرازى سىزىلغان، «جۇ تىڭ بىلەن دەۋرداش بولغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قوغدىنىش كىيىمىنى كىيگەن سۈرىتىنى چىقىرىپ، تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق ۋاقىتتا، جۇ تىڭ ۋە جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى ئويلىسام، قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە تېخىمۇ ئىشەنچىم ئاشىدۇ».

جۇڭ جياچى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، دائىم جاڭجۇ بازىسىدىكى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى تېڭفېي خاتىرە سارىيىغا كېلىپ خالىس چۈشەندۈرگۈچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى ئىلگىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش يۈكسەك ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن، بىز ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر جاپادىن قورقمايدىغان، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقمايدىغان، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقمايدىغان بۇ خىل روھقا ئېھتىياجلىق، بۇ خىل روھنىڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولۇش − ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى كۈنسېرى يېڭىلانماقتا

دەۋرنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى.

40 يىل ئىلگىرى، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئەمدىلا ئاچقان جۇڭگونىڭ چېمپىيون بولۇش، مېدال ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى دۇنياغا ئىسپاتلىشى زۆرۈر ئىدى، بۈگۈنكى جۇڭگو ئاشۇ تارىخىي باسقۇچتىن ھالقىپ ئۆتتى. زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلار ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان، تېخىمۇ ئوچۇق چوڭ دۆلەتلىك روھىي ھالەت بىلەن دۇنياغا يۈزلەندى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يېڭى دەۋر روھى ۋە سالاپىتىنى نامايان قىلدى، بۇ: ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان قىياپەت ھەم ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش، مەڭگۈ يېڭىلگەنگە تەن بەرمەسلىكتەك روھىي قىياپەتتىن ئىبارەت.

«ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى بەزىدە يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىشىشتىن ئىبارەت. گەرچە سىز يول بويى دەلدەڭشىپ ماڭغان بولسىڭىزمۇ، لېكىن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بەدىنىڭىزدىكى چاڭ - توزانلارنى قېقىۋەتتىڭىز، كۆزىڭىزدىن يەنىلا قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ.» ئىككى يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، غايەت زور شان - شەرەپتىن بەھرىمەن بولغاندا، باش تىرېنېر لاڭ پىڭ شۇنداق دېدى.

ئەمدىلا ئاياغلاشقان دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، گۇرۇپپىدىن چىقالماي چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالالمىدى.

دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشتەك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى كوماندىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا كوماندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان چاغدىكى مەنىۋى يېتەكچى. بىز ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.

ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزلار بەل قويۇۋەتمەي، روھنى ئۇرغۇتۇپ قايتا يولغا چىقتى. ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىلىرى ئۈمىدسىزلەنمەي ئىلگىرىكىدەكلا ئۇلارغا مەدەت بەردى.

40 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئۇلار قەتئىي، كۈچلۈك چىن قەلبى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىسى، يېڭىباشتىن باشلايدىغان قورقماس روھى بىلەن «مەغلۇبىيەت»نى كېيىنكى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ «ئۇل تېشى»غا ئايلاندۇردى.

جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ دەۋر روھى ۋە قىياپىتى يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرىنى تەسىرلەندۈرمەكتە.

سۇجوۋدىكى 17 ياشلىق قىز گۇ شياتىڭ كىچىكىدە ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىدە، ئىچ مىجەز بولۇپ قالغان، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ۋالىبول ئويناشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ھەم جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىسىغا ئايلانغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى مەيداندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەل قويۇۋەتمىدى، مېنىڭچە مەنمۇ قىلالايمەن، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى مېنى تەسىرلەندۈردى».

كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، خىرىستىن قورقماي، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.