− شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان بەختلىك يۇرت - ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈ تاۋ
تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە، تۆت مىللەتتىن بولغان 27 بالا ياتقان بۆشۈككە شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى خاتىرىلەنگەن. كەنت ئاھالىسى قايرات تويبېك بىلەن جوۋ ليەنلۇڭ بۇ بۆشۈكتە ياتقان، ئۇ ئىككىسى قوشنا بولۇپلا قالماي، ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدى. جوۋ ليەنلۇڭ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، كەنتتىكىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇپ، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى، بۆشۈكنى ئورتاق ئىشلەتكەنگە ئوخشاش، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق.
قايرات تويبېك مۇنداق دېدى: بوۋام ياش ۋاقتىدا بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن ئادەم تېپىپ بۇ بۆشۈكنى ياساتقان ئىكەن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كېيىن كەنتتىكىلەرنىڭ بالا بېقىشىدىكى «گۆھەر»گە ئايلانغان، كىمنىڭ ئۆيىدە بالا تۇغۇلسا ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىدىغان بولغان. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بۇ بۆشۈكتە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ بالىلىرى ياتتى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 48 ياشقا كىردى، ئەڭ كىچىكى تېخى ئۈچ ياشتا.
شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، بۇ جايدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ كەلدى. ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىناق، بەختلىك يۇرت - ماكان قۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان «ئانار گۈلى» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتى. ئۇزاقتىن بۇيان، بېرىش - كېلىش قىلىپ ئالاقىلىشىش، چىن كۆڭلىدىن ئالماشتۇرۇش، ئىتتىپاق، ئېجىل - ئىناق بولۇپ يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ھېسسىياتنى كۈچەيتتى، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقان سەمەت ئەخمەت بىلەن لى شياۋلىن دەل خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلانغانلاردىندۇر.
سەمەت ئەخمەت بىلەن لى شياۋلىن كالا باقمىچىلىقى كەسپى ئائىلىسى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان كالا سودىسى قىلىپ، قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرغاچقا، ئىككىيلەن كۈنسايىن بىر - بىرىنى چوڭقۇر چۈشەندى ھەم چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتتى. بىر قېتىم، لى شياۋلىننىڭ كالىسى ئاغرىپ قالغانىدى، ياردەم سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سەمەت ئەخمەت دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېسەل كۆرۈپ دورا بەردى؛ يەنە بىر قېتىم سەمەت ئەخمەت مەبلەغنى ئوبوروت قىلالمىغاندا، لى شياۋلىن ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پۇلنى بېرىپ قويۇپلا كېتىپ قالدى... ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككىيلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتى، ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، قۇربان ھېيت قاتارلىق بايرام كۈنلىرى ئىككى ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدىغان كۈن بولۇپ قالدى. بۇلا ئەمەس، ئۇلار ئىككىسى يەنە چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ھەربىرى يىلىغا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئۇچۇر كەسپى قاتارلىقلار تېز تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان شىنجاڭ كارخانىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ساھە «باشلامچى»لىرىغا ئايلاندى؛ مودا، زامانىۋى تۇرمۇش شەكلىمۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىگە ئايلاندى، يېڭى شەيئى، يېڭى كەيپىيات «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم ھەر مىللەت ياش «ئىجادكارلار»غا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاقە تورى دەۋرىنىڭ تومۇرىنى بويلاپ، تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى.
مەۋلانجان تۇرسۇن بىلەن سۇڭ كەي قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ئاز - تولا نامى بار مەدەنىيەت «ئىجادكار»لىرى. ئەڭ دەسلەپتە مەۋلانجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، قەشقەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك، گۈزەل مەنزىرىسىنى مەخسۇس ئومۇملاشتۇردى؛ سۇڭ كەي كەسپىي فوتوگراف بولۇپ، ئىزچىل كامېرا ئارقىلىق يۇرتى قەشقەرنىڭ تەرەققىيات ھېكايىسىنى بايان قىلىپ كەلدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئۇچرىشىش «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ ئىككى ياشقا قىزىقىشىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدۇردى، ئارقىدىنلا ئۇلار بىرلىكتە بىر «ئىجادكارلار» شىركىتىنى ئورتاق باشقۇرۇپ، توردا قىسقا سىن، سۈرەت قاتارلىقلارنى يوللاش شەكلى ئارقىلىق قەشقەرنىڭ سەھرا مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. سۇڭ كەي مۇنداق دېدى: «بىز ئىككىيلەننىڭ <مەخسۇس ھۇجۇم> يۆنىلىشى دەل بىر - بىرىمىزنى تولۇقلايدۇ، شىركەتنىڭ نامىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بارغانسېرى تارالدى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز تىرىشىپ يۇرتىمىزنىڭ ھېكايىلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلارغا سۆزلەپ بېرىمىز».
شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى. تارىم داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى ئىدىيەۋى - سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوۋ ۋېنشى دەرس ئۆتكەندە، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ساۋاقداشلار بىلەن تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئۆز تەسىراتلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ساۋاقداشلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ ياۋىلىق كەنتى ياۋىلىق يەسلىسىدە بالىلارغا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى تېزراق ئىگىلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى جوۋ لىنا نۇرغۇن چارىنى ئويلاپ تاپتى. ئۇ دائىم قىزىقارلىق ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە جانلىق ئۆگىنىش كارتىسى ياساپ، بالىلار ياخشى كۆرىدىغان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىپ، ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، جانلىق شەكىل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
جوۋ لىنا مۇنداق دېدى: «مەن ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىپ، پىششىق بىلىپ ۋە چۈشىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سۆيۈشتەك ياخشى ساپانىڭ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)