تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ تايانچلىرىدىن بولىمىز

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ياش پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان دۆلەتنىڭ تايانچلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز.

ئېتىقادتا مۇستەھكەم بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەلىك كادىرلاردا مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد بولغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، پۇختا يۈرەلەيدۇ، يىراققا يۈرەلەيدۇ.

«غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش ياش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ئىشىنىمەن، ئۇنى بىر ئۆمۈر ساقلايمەن» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئايبىن جېكسېنباي.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: غايە - ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇش زىچ مۇناسىۋەتلىك. «ياش كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى ئەسكەرتىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن» دېدى قورغاس شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات - تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زوۋ لۇلۇ.

جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئۇلان دانداغاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايۇشى بۇ يىل 35 ياشتا بولۇپ، 3 - ئايدا كەنتكە كېلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، «يېڭى دەۋردىكى ياش پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خەلقنى كۆزلەيدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن».

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى شۇنچە كۆپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بىلەن نەتىجە يارىتىش بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمىغانلىق بولىدۇ، نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

«ياش كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇلۇغ دەۋرگە توغرا كەلدۇق، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.» ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئەركىن مەمەت مۇنداق دېدى: خەلقنى مەركەز قىلىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار بىلەن نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئاممىنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادىل ئىش قىلىدىغان، يۈز - خاتىر قىلمايدىغان روھ بولۇشى، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ يۈز - خاتىر قىلماسلىقى، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ ئادىل ئىش قىلىشى كېرەك. «ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈندىلىك نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش خىزمىتىدە جەزمەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىچىك ئىشلاردىن چىقىش قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي قاتلامدىكى كىچىك، ئۇششاق ھوقۇققا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدايمەن» دېدى شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى فېيفېي.

ئۇلۇغچات ناھىيەسى بوستان تېرەك يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما شىڭزى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» بولۇپ، 2015 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجوۋ شەھىرىنىڭ يۈجۇڭ ناھىيەسىدىن ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلغان. «باش شۇجى بىزگە مۇنداق تەلىم بەردى: ئىش قىلىش، ئىشنى زىممىگە ئېلىش كادىرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا قىممىتى. مەن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ياشلىق باھارىمنى مەن قىزغىن سۆيىدىغان بۇ تۇپراققا بېغىشلايمەن» دېدى ما شىڭزى.

ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قابىلىيەتنى كۈچەيتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياش كادىرلارنىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تەپەككۇرى جانلىق، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، دەل ئىقتىدارى ئۆسىدىغان، قابىلىيىتى ئۆسىدىغان چوڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، چوقۇم ۋاقىتنى قەدىرلەپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىپ، بىر دەقىقىمۇ توختىماي يۈكسىلىش كېرەك.

«ئاساسىي قاتلام باج كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، <ۋاقىت چىقىرىش> ۋە <ئىزدىنىش> روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قابىلىيىتىمنى كۈچەيتىمەن.» ماناس ناھىيەلىك باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فاڭ يىجۈن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك باج - ھەق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خىزمەت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىش، نېمە كەمچىل بولسا شۇنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. فۇجيەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كې گولىن مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىپ، ئۆگىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان بىلىم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

شىنجاڭ كېدا قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان، بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر سۇڭ ۋەنلى مۇنداق دېدى: «شىركەتتە ياش پارتىيە ئەزالىرى كۆپ، ياش ئىشچى - خىزمەتچىلەر كۆپ، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، ئىش ئورنىدا ئۆگىنىش، ئىش ئورنىدا چېنىقتۇرۇش يېڭى قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، ئىچكى ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز».

(مۇخبىر ۋېي يوڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار جەزىرە نېسىپبېك، سۇڭ ياۋېن، جاڭ جىلى، سۇڭ ۋېيگو، گې يوۋجۈن، دۇ جيەنخۇي)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.