تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلبىمىزدە ئۈلگە تىكلەپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلايمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2021 - يىللىق «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى پائال كۆردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

غايە نۇرى كۈرەش يولىنى يورۇتىدۇ، ئېتىقاد كۈچى گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2021 - يىللىق «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى پائال كۆردى. «غايە كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ» باش تېمىسىدىكى 100 يىللىق يۆگىمە رەسىمدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئائىلە دۆلەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، قەلبىمىزدە ئۈلگە تىكلەپ، ئىشنى كىچىكىمىزدىن باشلاپ تۇتۇپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلايمىز.

«دۇرخان لاچىن بىلەن لادىر لاچىن دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سىيماسىنى كۆرۈپ ئۆكسۈپ يىغلىغاندا مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم.» ئۈرۈمچى «1 - ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق 3 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاۋ خاۋلىن مۇنداق دېدى: «دەۋر ئۈلگىسى» لاچىن بايەكەنىڭ «ۋەتەننىڭ چېگرا بەلگىسى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ قوي - كالىلىرىمىز بولسۇن» دېگەن سۆزى مېنىڭ قەلبىمگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى.

جاۋ خاۋلىننىڭ ئاتا - ئانىسى ھەربىي بولۇپ، ئىزچىل ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ كەلدى. «100 يىللىق مۇساپىدە <مۇمكىن بولمايدىغان ئىش>لار بىر - بىرلەپ <مۇمكىنچىلىك>كە ئايلاندى، مەن غايە نۇرىنى كۆردۈم، مەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشقا تىرىشىمەن» دېدى جاۋ خاۋلىن.

«مېنىڭمۇ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، مارسقا چىقىپ، ئالەمنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈم بار.» نىلقا ناھىيەسى ۋۇجىن تەجرىبە مەكتىپىنىڭ 9 - يىللىق 4 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مېھراي سېرىك ئىزچىل تۈردە «ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

«ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»تە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا چوكا بىلەن چاي ئىچىپ، ئالەم بوشلۇقى خۇڭشۇسى تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مېھراي ئىنتايىن ھەيران قالدى، چىن قەلبىدىن تەلپۈندى. «بۇ دەرس بەك ئەھمىيەتلىك بولدى، ئەسلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە قالتىس ئىكەن، ئالىملار ۋە ئالەم قاتنىشى قەھرىمانلىرىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشىمۇ مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. مەن تىرىشىپ ئوقۇپ، كېيىن ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشىغا ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

سانىيە پەرھات تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى جۇڭخەي گۇرۇھى ئايدىڭكۆل ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6 - يىللىق 3 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى. شۇ كۈنى سائەت 20 بولمايلا، ئۇ ئاپىسىنى چاقىرىپ بالدۇرلا يان تېلېفوننى ئېچىپ، بىرلىكتە «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى كۆردى.

چېن يۈشى، جاڭ جياچى، سۈن يىڭشا قاتارلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرى ئارزۇنىڭ كۈچىنى بايان قىلىپ ساۋاقداشلارغا سەمىمىي، ئاددىي ئوقۇش باشلاش تىلەكلىرىنى يوللىغاندا سانىيە ئىنتايىن ھاياجانلاندى. «<ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس>تە ھەقىقىي، تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق، تولۇپ تاشقان ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈلدى، مانا بۇلار مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم ھۆرمەت قىلىشقا، ئەگىشىشكە تېگىشلىك چولپانلار» دېدى سانىيە.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى دەل ۋاقتىدا كۆردى. «مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى، تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق، رىياسەتچى كاڭ خۇينىڭ ئىككى قېتىم <زامان - ماكان ھالقىشى> بولدى.» توقسۇ ناھىيەسى 2 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىق 1 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەرزانە ئابدۇكېرەم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كاڭ خۇي «شياۋكاڭ»غا ئايلىنىپ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر شۆتاڭغا كىرىپ، «شياۋكاڭ» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ھۆججەت - ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ئەڭ بۇرۇنقى مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەندى، بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ماڭا تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق، ئۇنتۇلغۇسىز دەرسخانىنى ھېس قىلدۇردى.

«شيې شىڭچاڭ بوۋامنىڭ كەنتتىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەنلىك ھېكايىسى ماڭا ناھايىتى يېقىملىق تۇيۇلدى. بىزنىڭ كەنتمۇ ئىلگىرى نامرات كەنت ئىدى، ھازىر بىز بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز» دېدى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ھاسار كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئامانگۈل غوجىمەمەت.

لى داجاۋ، ماۋ زېدۇڭ، چېن ۋاڭداۋ... تېلېۋىزوردا چىققان ھەربىر تونۇش سىيمالارنى كۆرگەندە ئامانگۈل ئىنتايىن ھاياجانلاندى: «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى كۆرۈش ئارقىلىق مەن ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدىم، بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدە تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر پىيونېر بولىمەن».

قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى كۆردى. ساۋاقداش مەخسۇدەم ئەمەر مۇنداق دېدى: «<ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس>نى كۆرۈش ئارقىلىق <دەۋر ئۈلگىسى> لاچىن بايەكە تاغامنىڭ ئىش ئىزلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ، غايە - ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ جىسمىدىن مەن غايە نۇرىنى كۆردۈم، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت قەلبىمىزدە غايە ئۇرۇقى بولسىلا، ئارزۇ گۈزەل كەلگۈسىمىزنى يورۇتىدۇ».

(مۇخبىر يۈ شى، قاتناشقان مۇخبىرلار شېن زۇشياۋ، رېن خۇا، جاڭ دۇڭمېي، جاڭ جىلى، سۇڭ ۋېيگو، خەن چىنيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.