تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى «قۇملۇق» كەنتتىن 11 دوكتور چىقتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خې جياڭ، ۋېي يۇڭگۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى قۇملۇق كەنتىدە بەش نەپەر ئوقۇغۇچى داشۆگە ئۆتتى. 1985 - يىلىدىن ھازىرغىچە، بۇ كەنتتىن 575 نەپەر داشۆ ئوقۇغۇچىسى چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە 11ى دوكتور.

نۆۋەتتە قۇملۇق كەنتىدە 530دىن ئارتۇق ئائىلە، 2600دىن ئارتۇق ئادەم بار. «库木鲁克» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى «قۇملۇق» بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتى ناچار بولغاچقا، بۇ كەنت 2018 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن نامرات كەنت دېگەن قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن.

«گەرچە باي بولمىسىمۇ، لېكىن كەنت ئاھالىلىرى مائارىپقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەربىر ئائىلىدىن دېگۈدەك داشۆ ئوقۇغۇچىسى چىققان.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەت نۇر تىزىملاش جەدۋىلىگە سېلىشتۇرۇپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىمتىھان بېرىپ داشۆگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دوكتورلارنى بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى.

كەنتكە كېلىپ ۋەزىپە ئۆتەشتىن ئىلگىرى، ئەخمەت كەلپىن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭدا قالغان تەسىرات شۇكى، قۇملۇق كەنتىدىكى بالىلار ناھايىتى تىرىشىپ ئۆگىنىدىكەن، ئۇ قىشلىق، يازلىق تەتىلدە كەنتكە بېرىپ بالىلارغا مەركەزلىك يېتەكچىلىك قىلغاندا، كېچىكىپ قالىدىغان، بالدۇر قايتىدىغان بىرمۇ بالا يوق ئىكەن.

«كەنتتىكىلەر دائىم، بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز توزار، دېيىشىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى تۇنىساخان يىگەم. ئۇنىڭ بىرنەچچە پەرزەنتىنىڭ ھەممىسى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، قىزى بەختىگۈل نىزاق 2018 - يىلى ۋۇخەن داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋېتىپتۇ.

«ئائىلىمىزنىڭ پەقەت ئۈچ مو يېرى بار. بىز داشۆدە ئوقۇيمىز، ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى ئېغىر. بەختىمىزگە ناھىيە، يېزا ۋە كەنتنىڭ ياردىمى بولغاچقا، ئوقۇشىمىز تەسىرگە ئۇچرىمىدى» دېدى بەختىگۈل.

بالىلارنى ئوقۇشسىز قويماسلىق قۇملۇق كەنتى 36 يىلدىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان قائىدە. پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى نىزاق ئوسماننىڭ ئەسلىشىچە، 1985 - يىلى، كەنتتىكى بىر قىسىم بالىلار نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى يىغىن ئېچىپ: «بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالمىسا، پارتىيە ئەزالىرى قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش؛ داشۆگە ئۆتسە، كەنت يول خىراجىتى بېرىش؛ كوللېكتىپنىڭ يېرىدىن 20مو يەرنى ئاجرىتىپ، كىرىمىنى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىش... پارتىيە ئەزالىرىلا بار بولىدىكەن، بىرمۇ بالىنى ھەرگىز ئوقۇشسىز قويماسلىق» دېگەن قائىدىنى بېكىتكەن.

شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پىروفېسسور تۇردى ئۆمەر كىچىكىدىن باشلاپ قۇملۇق كەنتىدە چوڭ بولغان. 1989 - يىلى شىنجاڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن رۇسىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، موسكۋا داشۆسىدە ماتېماتىكا - فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

«باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگىچە، مەن ئىزچىل دۆلەتنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلدىم، ئائىلىمىزدىكىلەر ھېچقانچە پۇل چىقارمىدى. مەن پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلايمەن» دېدى تۇردى.

تۇردى ئوقۇشنى پۈتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاش، يېڭى تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تېخنىكىسى قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئىلگىرى 1 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئۈزۈمنى يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان.

«بىلىم تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى، ئۆگىنىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن.» شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ قۇملۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئايگۈل خېلىل مۇشۇ كەنتتىن چىققان داشۆ ئوقۇغۇچىسى. بۇلتۇر، ئىدارىنىڭ قۇملۇق كەنتىگە ئادەم ئەۋەتىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى.

«كەنت ئاھالىلىرى مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ روھىي قىياپىتى ياخشى، ئالغا ئىنتىلىشچانلىقىمۇ كۈچلۈك.» ئايگۈل مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىدىكى ئەڭ گۈزەل قۇرۇلۇش دەل مەكتەپلەر بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى مائارىپنى قوبۇل قىلىدۇ. يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە يۈز كېلەلمىسەك بولمايدۇ، بالىلىرىمىزنى ۋەتەن ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز، دېيىشىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.