تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، دەۋر تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئالىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار بولۇپمۇ ياش كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان دۆلەتنىڭ تايانچلىرىدىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم تەسىرلىك، ھەم چوڭقۇر، ھەم دەل جايىغا تەگكۈزۈلگەن، ھەم سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن مەن بىر قېتىملىق ئىدىيەۋى چېنىقىشنى قوبۇل قىلدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ كادىرى ئاينۇر توقان بىرىنچى ۋاقىتتا باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىزگە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردا مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد بولغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، مەزمۇت ماڭالايدۇ، يىراققا ماڭالايدۇ دەپ تەلىم بەردى. تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى ياش كادىر، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم ئۆگىنىش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش داۋامىدا نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، ئۆزۈمنى دائىم چېنىقتۇرۇپ، دائىم تاۋلاپ، بىر ئۆمۈر ئىشىنىمەن، بىر ئۆمۈر چىڭ تۇرىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: غايە - ئېتىقاد مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن پارتىيەگە سادىق بولغىلى بولىدۇ، پارتىيەگە سادىق بولۇش غايە - ئېتىقاد مۇستەھكەم بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھلىنىشى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دەي جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى كونكرېت ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن.

«پىچاقنى تاشتا بىلەش، ئادەمنى ئىشتا چېنىقتۇرۇش كېرەك، بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرمىگەنلەر، كۆپ ئىشلارنى كۆرمىگەنلەر ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ئۈمىدى شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

بۇ تەكشۈرۈش پونكىتى جۇڭگو - موڭغۇلىيە چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى جاپالىق، قىش پەسلىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن پونكىتتا جەمئىي 140تىن ئارتۇق خەلق ساقچىسى بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياشقىمۇ يەتمەيدۇ. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىز ياش خەلق ساقچىلىرىنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتتى.» تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز سادىق بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى ساقلاپ، پورتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، ئەمەلىيەتنى چۈشىنىش، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتېڭى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەي ياۋشيەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەپ، ھەم ئاساسىي قاتلامغا «چۆكۈپ»، تېخىمۇ مۇھىمى ئاساسىي قاتلامنى «قەلبكە پۈكۈپ»، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تەھلىل قىلىش، تەپەككۇر قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ قاراتمىلىققا ئىگە بولغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىشنى ئادىل بېجىرىدىغان، يۈز - خاتىر قىلمايدىغان روھ بولۇشى، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ يۈز-خاتىر قىلماسلىقى، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى چۇمبۇس كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى دۇڭ يەنفاڭ مۇنداق دېدى: «كەنتنىڭ ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئامما باراۋەر، ئادىل بولۇشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىدۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا، مەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرگىز <ياخشىچاق> بولمايمەن».

«<كادىرلار چوقۇم ئەيمىنىشنى بىلىشى، ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇشى، تۆۋەن چەكنى ساقلىشى، پارتىيەدىن ئەيمىنىشى، خەلقتىن ئەيمىنىشى، قانۇن - ئىنتىزامدىن ئەيمىنىشى كېرەك.> بۇ، باش شۇجىنىڭ كادىرلارنى قاتتىق سەگەك بولۇشقا ئەسكەرتىپ ئېيتقان سۆزى.» قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىنىڭ سودىيەسى جاڭ يۈفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن قانۇندىن تېخىمۇ ئەيمىنىپ، باراۋەرلىك، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيەت شەمشىرى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمەن.

خىزمىتى قانچىلىك ئالدىراش بولسىمۇ، ھەر كۈنى كەچتە توقسۇن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ شا بازىرى گۇڭشاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋارىسجان ھەسەن پارتىيە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى. «باش شۇجى ياش كادىرلارنى چوقۇم ۋاقىتنى قەدىرلەش، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىش، پۈتۈن ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى بىردەممۇ توختاتماسلىققا ئىلھاملاندۇردى. مەن <90 - يىللاردا تۇغۇلغان> كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن <ۋاقىت چىقىرىش> ۋە <ئىزدىنىش> روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىلىم قۇرۇلمامنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز قابىلىيىتىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن» دېدى ۋارىسجان.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، جاڭ يۈنمېي، لياڭ لىخۇا، ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن، يەن شياۋتيەن، جاڭ رۈيلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.